ۋىلايەت باشلىقى ۋېنىيامىن كوندراتيېۋ تېلېگرام ھېسابىدا، رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدىكى بىر نېفىت ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ۋە 120 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ ئوتنى ئۆچۈرۈشكە ئاتلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيەنىڭ «رىئا» ئاگېنتلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنى جىددىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، سوچىغا جايلاشقان كراسنودار ۋىلايىتىدە 2000 كۇب مېتىر سىغىملىق بىر يېقىلغۇ باكىغا ئوت كەتكەن.
رۇسىيە ئاممىۋىي ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى (روساۋىئاتسىيە) تېلېگرام ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاۋا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە سوچى ئايرودرومىدىكى ئۇچۇشلارنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كوندراتيېۋ ھۇجۇمنىڭ دېڭىز بويىدىكى تەتىل شەھىرى ئادلېردا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ھۇجۇم كىيېۋنىڭ ئۇرۇش ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدىغان روسىيە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى دەپ قارالماقتا.
ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا ئادلېر رايونىدا يۈز بەرگەن ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ھۇجۇمىدا بىر كىشى قازا قىلغان ئىدى. ئەمماسوچى 2014-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا ساخىپخانلىق قىلغان بولۇپ، 2022-يىلى فېۋرالدا باشلانغان ئۇرۇش جەريانىدىمۇ سوچىغا قىلىنغان ھۇجۇملار ئاز كۆرۈلگەن ئىدى.
قارا دېڭىز قىرغىقىدىكى كراسنودار ۋىلايىتىگە جايلاشقان ۋە رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى دەپ بىلىنگەن ئىلسكىي نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنىڭ دائىملىق نىشانىغا ئايلىنىپ كەلمەكتە.
يەكشەنبە كۈنى يەنە، رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ۋورونېژ ۋىلايىتىنىڭ باشلىقى ئۇكرائىنانىڭ دىرون ھۇجۇمىدا بىر ئايالنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە بىر قانچە جايدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇكرائىنا ھەربىي دائىرىلىرى روسىيەنىڭ كىيېۋغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.