ھىندىستاننىڭ شىمالىدا تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىسى يۈز بېرىپ 6 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى گانگانى ئارىشاڭلىرى رايونىدا تىك ئۇچار ئايروپىلان ھادىسىسى يۈز بەرگەن.
ھىندىستاننىڭ ئۇتتاراخاند ئۆلكىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇتتاراخاند ئۆلكىسىدە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 6 يولۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
دۆلەتلىك «‹Doordarshan News› ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇتتاراخاند ئۆلكىسىنىڭ ئۇتتاركاشى رايونىغا جايلاشقان گانگانى ئارىشاڭلىرى رايونى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن، ھادىسىدە بىر كىشى ئېغىر يارىلانغان.
ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە: «تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايدا مەسئۇللار ۋە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار ھالەتتە تۇرماقتا» دېيىلدى.
ئۇتتاراخاند ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى پۇشكار سىڭخ دخامى يارىدارلارغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىش ۋە ھادىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى.
ئۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە مۇنداق دەپ يازدى:
«بۇ مەسىلىدە دائىرىلەر بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىشىپ، ھەر بىر ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمەن.»