ھىندونېزىيە پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن دەتالاشلىق ھەربىي ئىشلار قانۇنىنى رەسمىي تەستىقلىدى. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئوفىتسېرلارغا تېخىمۇ كۆپ مەمۇرىي خىزمەتلەر تەقسىملىنىدۇ.
بۇ قانۇن لايىھەسى ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىكە ئۇچرىدى. ئۇلار بۇ قانۇننىڭ دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ دېموكراتىك دۆلەتنى سابىق كۈچلۈك پىرېزىدېنت سۇخارتونىڭ «يېڭى تەرتىپ» دەۋرىگە قايتۇرۇۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى، ئۇ دەۋردە ئوفىتسېر-جەڭچىلەرنىڭ مەمۇرىي خىزمەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماتقا.
پارلامېنت رەئىسى پۇئان ماخارانى پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە بىردەك ئاۋاز بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى رەسمىي قانۇنلاشتۇردى ھەمدە بۇ قانۇننىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئارمىيەنىڭ رولى
ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى باشلىغان، سۇخارتو دەۋرىدە ئالاھىدە قىسىملار قوماندانى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن پىرېزىدېنت پىرابوۋو سۇبىيانتو، ئارمىيەنىڭ ئىلگىرى پۇقراۋى ساھەلەر دەپ قارالغان تەرەپلەردىكى رولىنى كېڭەيتتى. بۇلارنىڭ ئىچىگە ئۇنىڭ بالىلارنى ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلەش پىروگراممىسىمۇ كىرىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى ھەربىيلەرنىڭ ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىشى ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ھەربىيلەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مەمۇرىي ساھەلەرگە ئارىلاشتۇرۇلۇشنى كەسكىن تەنقىد قىلماقتا.
ھۆكۈمەت قانۇن لايىھەسىنىڭ ئوفىتسېر-جەڭچىلەرنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپلىقى ۋە باش تەپتىش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلاردىكى مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىنىشتىن بۇرۇن ھەربىيلىكتىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىر پارلامېنت ئەزاسى، ھەربىيلەر بىلەن سودا دۇنياسىنىڭ ئەندىشىلىرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، ئوفىتسېر-جەڭچىلەرنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەرگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.