سىياسەت
7 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە تەرەپدارلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى
ئىسرائىلىيە تەرەپدارى تەشۋىقات گۇرۇھلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇللىرى...
ئىسرائىلىيە تەرەپدارلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى پىكىر ئەركىنلىكىنى شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى
خالىلنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، ADL باش ئىجرائىيە خادىمى جوناتان گرىنبلات ئاشكارا ھالدا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەمەلدارلىرى بىلەن كامپۇستىكى ئانتىسېمىتىزمغا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن "بىۋاسىتە ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى" بىلدۈرگەنىدى. / Reuters
14 март 2025

«يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى (Anti-Defamation League)»گە ئوخشاش ئىسرائىلىيە تەرەپدارى مۇداپىئە گۇرۇھلىرى بىۋاسىتە ھالدا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بولۇپ، پەلەستىن تەرەپدارى ئاكتىۋىزمنى زەربە ئوبيېكتى قىلىدىغان سىياسەتلەر، پۇقراۋى ھەق-ھوقۇقلار ۋە مەكتەپتىكى ئۆكتىچى پىكىرلەرگە قارىتا ھۆكۈمەت تەسىرى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە.

«جىھادچى نامايىشلارغا قاتناشقان بارلىق مۇقىم چەت ئەللىكلەرگە «2025-يىلى تېپىپ سۈرگۈن قىلىمىز»

ئاق ساراينىڭ ئىجرائىيە بۇيرۇقى بېتىدە مۇشۇنداق يېزىلغان. بۇ بۇيرۇق، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارىشىچە، ئۇنىۋېرسىتېت تەۋەلىكلىرىدە ۋە ئاممىۋى ئورۇنلاردا يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن «كۈچلۈك ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن قەدەملەر»نى تاشلاشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئېلاۋە ئۇچۇردا، ترامپ بۇ «مۇقىم ياشايدىغان چەت ئەللىكلەر»نى «ھاماسنىڭ كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىقى، گۆرۈگە ئېلىپ قېچىش قىلمىشلىرى ۋە قاتىللىقلىرىنى تەبرىكلىمەكتە» دەپ ئەيىبلىمەكتە ھەمدە ئۇلارنى سىناگوگلارغا توسقۇنلۇق قىلىش، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئامېرىكا ئابىدىلىرى ۋە ھەيكەللىرىنى بۇزۇش بىلەن قارىلىماقتا.

ئەمما تەنقىدچىلەر، بۇيرۇقنىڭ كەڭ دائىرىلىك تىلى ۋە ئىجرا قىلىنىشىنىڭ، ئامېرىكادىكى پەلەستىن تەرەپدارى ئاكتىۋىزم ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ھوقۇقلىرىغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلىشنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

نىشانلىق بېسىممۇ؟

بۇيرۇقنىڭ ئىمزالىنىپ ئاران بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، 10-مارتتا، نيۇيورك شەھىرىدىكى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلەستىنلىك ئوقۇغۇچىسى ئاكتىۋىست مەھمۇد خەلىل قولغا ئېلىندى.

ترامپ خەلىلنى «رادىكال چەت ئەللىك، ھاماس تەرەپدارى ئوقۇغۇچى» دەپ سۈپەتلىدى، ئەمەلىيەتتە خەلىل، يېشىل كارتقا ئىگە دائىمىي ئامېرىكا ئاھالىسى بولۇپ، رەسمىي ھالدا بىرەر جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنمىگەنىدى.

ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى دۇنيا مىقياسىدىكى پۇقراۋى ئەركىنلىكلەر تەشكىلاتلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ تېز ئىنكاسىنى قوزغىدى ۋە بۇ ئەھۋال، بىرىنچى تۈزىتىش ھوقۇقلىرىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشى دەپ ئەيىبلەندى.

ھازىرغىچە ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى (DHS) خەلىلنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھەققىدە مۈجمەل بىر سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى بىر ئۇچۇر، «خەلىلنىڭ ھاماس بىلەن ماس پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقى»نى دەۋا قىلىدۇ.

بۇ قارار، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا، بىر چەت ئەللىكنىڭ ئامېرىكادىكى مەۋجۇتلۇقىنى «تاشقى سىياسەت بىلەن ماس ئەمەس» دەپ باھالاش ھوقۇقى بېرىدىغان كەم ئىجرا قىلىنىدىغان كۆچمەنلەر قانۇنىغا ئاساسلىنىدۇ ۋە بۇ ئەھۋال، ئۇلارنى سۈرگۈن قىلىنىشقا مۇناسىپ ھالغا كەلتۈرىدۇ.

ئەمما، ئاق ساراي تەرىپىدىن خەلىلگە قارشى ئېنىق بىر پاكىت تەمىنلەنمىدى ۋە بىر فېدېرال سوتچى، دەۋانىڭ يېتەرلىك قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى ۋاقىتلىق توختاتتى.

يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ تەسىرى

فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ پەلەستىن تەرەپدارى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قارشى تۇتقان ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنىڭ، كۆپىنچە ھاللاردا، مەكتەپلەردىكى ئىسرائىلىيە تەرەپدارى كۈچلۈك لوبىچىلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەنلىكى بايقالماقتا.

ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكىلىرىدىن بىرى، ئامېرىكا ئىچكى سىياسىتىدە <تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئىسرائىلىيە تەرەپدارى مۇداپىئە كۈچى> دەپ تونۇلغان يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى (Anti-Defamation League) (ADL) دۇر.

خەلىلنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن ئاران ئىككى كۈن ئىلگىرى، يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ باش ئىجرائىيە خادىمى جوناتان گرىنبلات، مەكتەپتىكى يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن كۈرەش قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەمەلدارلىرى بىلەن «بىۋاسىتە ھەمكارلاشقانلىقى»نى ئاشكارىلىدى.

گرىنبلات 8-مارتتا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا، «تۈنۈگۈن مەكتەپكە بېرىپ، يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم ھەمدە پاراكەندىچلىك سېلىش ۋە قورقۇتۇش ھېكايىلىرىنى ئاڭلىدىم» دەپ يازدى.

كېيىنچە ئۇ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى، يەھۇدىيلارغا قارشى قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت ئۇنىۋېرسىتېتتىن تەربىيە جازاسى ئېلىپلا قالماي، يەنە «قانۇننى بۇزغانلىقى سەۋەبىدىن رېئال دۇنيا نەتىجىلىرى» بىلەنمۇ ئۇچرىشىشىنى تەمىنلەش ئۈچۈن دۆلەت ۋە فېدېرال ساقچى كۈچلىرى بىلەن تېخىمۇ ئاكتىپ ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

ئىككى كۈندىن كېيىن، خەلىل قولغا ئېلىندى—بۇ ئەھۋال، تاشقى لوبىچىلىق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ پەلەستىن تەرەپدارى ئاكتىۋىزمغا جاۋابىنى شەكىللەندۈرۈشتە رول ئوينىغان-ئوينىمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئاللارنى پەيدا قىلدى.

مەخپىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش سىستېمىسى

قولغا ئېلىنىش جەريانىدا، خەلىل ئاللىقاچان كولۇمبىيەنىڭ تەشكىلىي باراۋەرلىك  ئىشخانىسى (OIE) تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانىدى – بۇ ئىشخانا پاراكەندىچلىك سېلىش مەقسىتىدە ئوق چىقارغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ۋە كەمسىتىش شىكايەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان مەخپىي بىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

بىراق، نۇرغۇن دوكلاتلار، تەشكىلىي باراۋەرلىك  ئىشخانىسىنىڭ كەمسىتىشنى بىر تەرەپ قىلىدىغان بىتەرەپ بىر ئورگان ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشى پىكىرلىرىنى باستۇرۇشنى نىشان قىلغان بىر ئىچكى قانۇنىي ئەرز سىستېمىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

4 -مارتتا، Drop Site News  تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈش، نالايىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئۆزلىرىگە قارشى بولغان پاكىتلارنى كۆرەلىشى ئۈچۈن مەخپىيەتلىك كېلىشىملىرى (NDA)  ئىمزالاشلىرىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ ئۇلارنى دەۋالىرىنى ئاممىۋى سورۇنلاردا مۇھاكىمە قىلىشتىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە توسۇپ قوياتتى.

تەشكىلىي باراۋەرلىك  ئىشخانىسىنىڭ، پۇقرالار ھوقۇقى قانۇنىنى قايتا ئىزاھلاپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى تەنقىدلەرنى «كەمسىتىش پاراكەندىچىلىكى» دەپ باھالىشى، يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسىي سىياسەت نىشانلىرى بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى، ئوخشاشلا، يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەتنى زىئونىزمغا قارشى تۇرۇش بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق ئېغىر تەنقىدكە ئۇچرىغان دەتالاشلىقIHRA   (خەلقئارالىق خولوكاۋست خاتىرە ئىتتىپاقى)نىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەت ئېنىقلىمىسىنىڭمۇ چوڭ ھىمايىچىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكالىق پەلەستىن ۋە ئوتتۇرا شەرق تارىخچىسى زاكېرى فوستېر TRT World غا بايانات بېرىپ، «يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى ، ئۇزۇن مۇددەتتىن بۇيان ئىسرائىلىيەگە قارشى تەنقىدلەرنى يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كەلدى. شۇڭا نۇرغۇن ئانالىزچى ۋە مۇخبىرلار ئەمدى يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇ پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشلارنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى نامايىشلارنى يەھۇدىيلارغا قارشى ھەرىكەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈۋاتىدۇ،» دېدى.

فوستېر، بۇ تەسىرنىڭ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش مەيدانىنى شەكىللەندۈرۈشتە بىۋاسىتە رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«[خەلقئارالىق ئادالەت سوت] دا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بىر دۆلەتكە قارىتىلغان يوللۇق تەنقىدنىڭ كولۇمبىيەدە قوبۇل قىلىنالماسلىقى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق» دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ.

ئاممىۋى خاتىرىلەر يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ، دەتالاشلىق IHRA ئېنىقلىمىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكالىق قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىدا ئاكتىپ ھالدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دەلىللەيدۇ.  ئانالىزچىلار تەرىپىدىن «خەتەرلىك» ۋە «سىياسىيلاشقان» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان Drop Site News  نىڭ خەۋىرىگە قارىاندا،  كولۇمبىيەدىكى تەشكىلىي باراۋەرلىك  ئىشخانىسى پەقەت ئېلانلارنى ئاسقان، ئىجتىمائىي مېدىيا ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھرىلىگەن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەيىبلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغان نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ سۈپەتلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان.

بىر كولۇمبىيەلىك ئوقۇغۇچى بۇ ھەقتە توختلىپ، «ئېلانلاردا ‹ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەڭلار› ۋە ‹ئىسرائىلىيە بىر تېررورىست دۆلەت› دېگەندەك ئىبارىلەر بار ئىدى. ئەمدىلىكتە ماڭا بۇنىڭ كولۇمبىيەنىڭ پۇقرا ھوقۇقلىرى قانۇنىغا ئاساسەن، كەمسىتىش خاراكتېرلىك پاراكەندىچىلىك سېلىش شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى دېيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر بىرسى ‹زىئونىستلارنى ئۆلتۈرۈڭلار› دېگەندەك بىر نەرسە يازغان بولسا، بۇنى چۈشىنەلەيتتىم، بىراق بۇلار ئۇنداق ئەمەس ئىدى» دېدى

يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ نازارەت تارىخى

يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ مەكتەپ سىياسىتىنى شەكىللەندۈرۈشتىكى رولى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان نازارەت قىلىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى تارىخىنىڭ بىر قىسمى.

1970 -يىللاردىن بۇيان، بۇ تەشكىلات «يېڭى يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش» ئىدىيىسىنى ئالغا سۈرۈپ كەلدى؛ بۇ ئۇقۇم، زىئونىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان بەزى تەنقىدلەرنى يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ ۋارىيانتلىرى دەپ قارايدۇ.

2022 -يىلىدا، گرىنبلاتنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە ھالدا ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقلۇقىنى جاكارلىدى ۋە بۇ ئەھۋال، نۇرغۇن يەھۇدىي گۇرۇپپىلارنىڭ ۋە يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ بەزى خادىملىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

گرىنبلات، يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ دۆلەتلىك باشلىقلار  يىغىنىدىكى سۆزى جەريانىدا، «زىئونىزمغا قارشى تۇرۇش يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشتۇر» دېدى.

«زىئونىزمغا قارشى تۇرۇش بىر ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە غەزەپكە ئاساسلىنىدۇ. بۇ باشقا بىر خەلقنىڭ ئىنكار قىلىنىشى ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى دەۋا قىلغانغا ئوىشاش زامانىۋى مۇھاكىمىلەرگە يات بىر ئۇقۇمدۇر» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ سۆزىدە، پەلەستىن ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن تىنچلىق تەلەپ قىلىدىغان يەھۇدىيلارنى «رادىكال سول» ئاشقۇنلۇقى دەپ سۈپەتلىدى ۋە بۇلارنىڭ ئاشقۇن ئوڭ بىلەن ئوخشاشلىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر ئىككى گۇرۇپپىنىڭ 2024-يىلى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈشى چەكلەندى.

يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتى ئوچۇق-ئاشكارا تەشكىلاتنىڭ خىزمىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا، «فېدېرال، دۆلەت ۋە يەرلىك سەۋىيەدىكى سىياسەت ياسىغۇچىلارنىڭ خىزمەتلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ» دەپ ئەسكەرتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، تەشكىلات لوبىچىلىق پائالىيەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كېڭەيتتى، 2004-يىلى سىياسەت چىقىملىرىنى %94 ئاشۇرۇپ جەمئىي تەشۋىقات چىقىملىرىنى 1.4 مىليون دوللارغا كۆتۈرۈپ، كۆڭۈلدىكىدەك بىر «قانۇن چىقىرىش كۈنتەرتىپى»نى ئىلگىرى سۈرۈشكە بەل باغلىدى.

بۇ تىرىشچانلىقلار، 1993-يىلىدىكى يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ جاسۇسلۇق جاڭجالى قاتارلىق ئىلگىرىكى يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى دەتالاشلىرى بىلەنمۇ ئۆزئارا ماسلىشىدۇ؛ بۇ جاڭجالدا تەشكىلات، سىياسىي قاناتنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدىكى 10,000 دىن ئارتۇق ئىنسان ۋە 950 دىن ئارتۇق تەشكىلاتنى قانۇنسىز ھالدا كۆزىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرەب-ئامېرىكا گۇرۇھلىرى، NAACP گە ئوخشاش قارا تەنلىك پۇقرالار ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى، سولچى ئاكتىۋىستلار، ئىرقىي ئايرىملىققا قارشى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ۋە ھەتتا تەرەققىيپەرۋەر يەھۇدىي گۇرۇھلارمۇ بار.

كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا جايلاردا پەلەستىن تەرەپدارى پائالىيەتلەرگە قارىتا داۋاملىق بېسىم، ئىسرائىلىيە تەرەپدارى لوبىچىلىقنىڭ ئامېرىكا مەكتەپ سىياسەتلىرىنى، پىكىر ئەركىنلىكىنى ۋە پۇقرالار ھوقۇقى سىياسەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە قانچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا ئەندىشىلىك سوئاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش بىلەن سىياسىي قارشى پىكىرنى باستۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى سىزىق خەتەرلىك دەرىجىدە ئېنىقسىزلاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us