ئاخباراتلارغا چىققان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا، بىر سانائەت رايونىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 14 ياشلىق بىر ئۆسمۈر ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 14 نەپەر ئۆسمۈر نازارەتكە ئېلىنغان.
BBC نىڭ شەنبە كۈنى نورتۇمبرىيا ساقچىسىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، ئۈچ قىز ۋە 11 ئوغۇل بالدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپىنىڭ، ئادەم ئۆلتۈرۈش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
جۈمە كۈنى گەيتسخېدتىكى فېرفىلد سانائەت رايونىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ئوت ئۆچۈرۈلگەن ئەمما بىنانىڭ ئىچىدە بىر جەسەت تېپىلغان ئىدى.
بىر ساقچى باياناتچىسى، «ئەپسۇسكى، نورتۇمبرىيا ساقچىسى، تايىن، ۋېر ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىزدەشلەر نەتىجىسىدە 14 ياشلىق لەيتون كارر ئىكەنلىكى گۇمان قىلىنغان بىر جەسەت بىنانىڭ ئىچىدە ئۆلۈك ھالدا تېپىلدى» دېدى. لەيتوننىڭ يوقالغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانلىقى بۇ گۇماننى كۈچەيتتى. يېشى 11 بىلەن 14 ئارىسىدا بولغان ئۆسمۈرلەر ھازىرمۇ ساقچى نازارىتىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
مەسئۇللار، ئوت ئاپىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خەلقتىن «بۇ ئىنتايىن پاجىئەلىك ۋەقە» ھەققىدە ئورۇنسىز مۆلچەرلەرنى قىلىپ يۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.
ساقچى، ۋەقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك «بارلىق ئەھۋاللارنى ئېنىقلاشتۇرۇش» مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا رايوندا بىخەتەرلىك ھالقىسى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.