خەلقئارا
5 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ كېڭەيمىچىمۇ؟ ئامېرىكانىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىشغالىيەتلىرىگە بىر نەزەر
قايتا سايلانغان پىرېزىدېنت ترامپ كانادا، گرېنلاندىيە ۋە پاناما قانىلىغا كۆز تىكتى. ترامپنىڭ تاماخورلۇقى راستمۇ ياكى قۇترىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەنمۇ؟
ترامپ كېڭەيمىچىمۇ؟ ئامېرىكانىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىشغالىيەتلىرىگە بىر نەزەر
ئامېرىكانىڭ ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىشغالىيەتلىرىگە بىر نەزەر
March 4, 2025

ئامېرىكانىڭ سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 20-يانۋاردىكى ۋەزىپىگە ئۆلتۈرۈش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، ئامېرىكانىڭ جاھانگىرلىك ئۆتمۈشىنى ئەسلىتىدىغان جۈرئەتلىك كېڭەيمىچى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.

ئۇنىڭ يېقىنقى باياناتلىرى ئىچىدە كانادانىڭ ئامېرىكانىڭ 51-ئىشتاتى بولۇش چاقىرىقى، پانامانىڭ ھاياتى قانالىنىڭ كونتروللۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپى ۋە دانىيەگە قاراشلىق گرېنلاندىيەنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى تەكلىپى بار.

ترامپ مار-ئا-لاگودىكى بىر مەتبۇئات يىغىنىدا، «كىشىلەر دانىيەنىڭ بۇ يەردە قانۇنىي ھوقۇقى بار-يوقلۇقىنىمۇ بىلمەيدۇ، لېكىن بار بولسىمۇ بۇنى تاشلىشى كېرەك» دېدى.

ترامپنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ زېمىنلىرى ھەققىدىكى جۈرئەتلىك دەۋالىرى خەلقئارالىق مۇنازىرىلەرنى قايتا قوزغىغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ئامېرىكانىڭ ئامېرىكا قىتئەلىرىدىكى جاھانگىرلىك تارىخى ھەممىگە تونۇشلۇق بىر ھېكايىنى ئەسكە سالىدۇ.

19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مېكسىكانىڭ شىمالىي زېمىنلىرىنىڭ - كالىفورنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا - ئىگىلىۋېلىنىشىدىن ئوتتۇرا ئامېرىكادىكى ئون يىللارچە داۋاملاشقان ھەربىي ئارىلىشىشلارغىچە، ئامېرىكا قايتا-قايتا ئۆز تەسىرىنى تاڭغان ئىدى.

دېموكراتچىلارغا نىسبەتەن بۇ باياناتلار  ناھايىتى قورقۇنچلۇق. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكانىڭ ئامېرىكا قىتئەلىرى بويىچە ئېلىپ بارغان ئىشغالىيەتلىرىنىڭ، مانىفېست دېستىنى ۋە مونرو دوكترىنىسى نامىدا ئىگىلىۋالغان زېمىنلارنىڭ، ئاغدۇرۇلغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە قۇرۇلغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۇزۇن تالاش- تارتىشلىق تارىخىنىمۇ يورۇقلۇققا چىقارماقتا.

ھەرىكەتلەرنى ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە كۆرسىتىش

چېگرالىرىنىڭ سىرتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جەنۇبىي ئامېرىكادا ئۆزىگە قارشى ھاكىمىيەتلەرنى ئاغدۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى، ئارقىسىدا بىئاراملىق مىراسى قالدۇرۇپ ئارگېنتىنا، بىرازىلىيە، چىلى ۋە بولىۋىيەنىڭ سىياسىي مەنزىرىلىرىنى شەكىللەندۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئامېرىكا قىتئەلىرىدە ئاز دېگەندە ئالتە دۆلەتكە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشتى.

مېكسىكا

1846-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مېكسىكاغا ئۇرۇش ئاچتى. بۇ توقۇنۇش 1848-يىلى گۋادالۇپې خىدالگو شەرتنامىسى بىلەن ئاخىرلاشتى ۋە مېكسىكانى بۈگۈنكى كالىفورنىيە، نېۋادا ۋە ئارىزونانى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىنلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىدى.

شەرتنامە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تېخى ئۈچ يىل بۇرۇن قوشۇۋېلىنغان تېكساس ئۈستىدىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇرۇش ئامېرىكانىڭ چېگرالىرىنى كېڭەيتكەن بولدى، ئەمما تەرەپلەر ئارىسىدا ئاچچىق بىر مىراس قالدۇرغان بولدى.

كېيىنچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى بولغان ئۇلىسسېس س. گرانت، بۇ ئۇرۇشنى «كۈچلۈك بىر دۆلەتنىڭ ئاجىز بىر دۆلەتكە قارشى ئېلىپ بارغان ئەڭ ئادالەتسىز ئۇرۇشلىرىدىن بىرسى» دەپ ئەيىبلىدى. بۇ كۆز قاراش ھازىرمۇ ئامېرىكا تارىخىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە شەنىگە داغ بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

كۇبا

كۇبانىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان ئېگىز-پەس مۇناسىۋىتى، ئىسپانىيە ئارالنىڭ كونتروللۇقىنى ۋاشىنگتونغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 1898-يىللىق ئىسپانىيە-ئامېرىكا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىككى قېتىملىق ئىشغالىيەت مەزگىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كۇبا ئىككى قېتىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىنى باشتىن كەچۈردى. بىرىنچىسى، 1898-يىلدىكى ئىسپانىيە-ئامېرىكا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىككىنچىسى بولسا 1906-يىلى ئارالنى مۇقىملاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن.

بىرىنچى ئىشغالىيەت (1898-1902)، بەزى تارىخچىلارنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «دۆلەت قۇرۇش» نىڭ دەسلەپكى بىر نۇسخىسى دەپ رامكىلىغان بىر بابى ئىدى. بۇ ئىشغالىيەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۇبانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

1906-يىلى باشلانغان ئىككىنچى ئىشغالىيەت، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قوللىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن سىياسىي مۇقىمسىزلىقتىن كېلىپ چىقتى. بۇ ئىشغالىيەت 1909-يىلى ئامېرىكا تەرەپدارى پىرېزىدېنت خوسې مىگۇئېل گومېزنىڭ سايلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كۇبانى مۇقىملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ ھەربىي ئارىلىشىشلار، زامانىۋى تارىخىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئارالنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەسىرىگە قارشى ئاجىزلىقىنى نامايان قىلغان بولدى.

نىكاراگۇئا

ئوتتۇرا ئامېرىكانىڭ نوپۇس جەھەتتىن ئەڭ چوڭ دۆلىتى بولغان نىكاراگۇئا، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى «بانان ئۇرۇشلىرى» مەزگىلىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى.

نىكاراگۇئا 1838-يىلى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لىبېراللار-رادىكاللار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بىلەن خاراكتېرلەنگەن ئۆزگىرىشچان سىياسىي مەنزىرىسى ئامېرىكا تەسىرى ئۈچۈن بىر ئوچۇق ئىشىك ياراتتى.

1912-يىلى رادىكاللار رەھبەرلىرىنىڭ چاقىرىقىغا جاۋابەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قوشۇنلىرى دۆلەتنى ئىشغال قىلدى ۋە 1933-يىلىغىچە داۋاملىشىدىغان ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى قۇرغان بولدى.

يىگىرمە يىل جەريانىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رايوننىڭ داۋالغۇشلۇق ۋەزىيىتىگە ئارىلىشىشى تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغۇچى فونكىسىيەسىنى كۈچەيتىپ، نىكاراگۇئانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىغا مۇۋازىنەتسىز كۈچ قوللاندى.

ھايتى

ھايتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشىغا دۇچ كەلگەن تارىخى، داۋاملىشىۋاتقان مۇقىمسىزلىق كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

1915-يىلدىن 1934-يىلغىچە بۇ ئارال دۆلىتى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي قالايمىقانچىلىقنى بىر تەرەپ قىلىش باھانىسى بىلەن يىگىرمە يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئامېرىكا ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىدى.

ئەمەلىيەتتە ھەربىي ئارىلىشىش، ھايتى - ئامېرىكا شېكەر شىركىتى (HASCO) ۋە نيۇ يورك باشقۇرۇشىدىكى بىر مەركىزىي بانكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سودا مەنپەئەتلىرىنى قوغدىماقتا ئىدى.

ئىشغالىيەت ھايتىغا چوڭقۇر ئىز قالدۇردى، سىياسىي مەنزىرىسىنى قايتا شەكىللەندۈردى ھەمدە چەت ئەل كونتروللۇقىغا قارشى نارازىلىق قوزغىدى.  بۇ دىنامىكا، دۆلەت باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك كىرىزىسلىرىگە دۇچ كەلگەن پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.

دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى

شۇنىڭغا ئوخشاش، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى 1916-يىلى بىر ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ غەربنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى نامايان قىلىشى بىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا دۇچ كەلدى. قەرز ۋە سىياسىي تالاش-تارتىشلار بىلەن بوغۇشىۋاتقان بۇ دۆلەت، كارىب دېڭىزىدا ئامېرىكانىڭ كونتروللۇقى ئۈچۈن يەنە بىر سەھنىگە ئايلانغان بولدى.

1924-يىلغىچە داۋاملاشقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىشغالىيىتى، رايوننى مۇقىملاشتۇرۇشنى ۋە لاتىن ئامېرىكاسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالتۇن كانلىرىدىن بىرىگە ئىگە بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. دۆلەتنىڭ بۇ ئالتۇن كېنى ھازىر كانادالىق باررىك گولد (%60 ئۈلۈش) ۋە ئامېرىكالىق نيۇمونت (%4 ئۈلۈش) ئالتۇن شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەكتە.

پاناما

1903-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن كولومبىيەدىن مۇستەقىللىقنى جاكارلىغان ئىدى. پاناما 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ۋاشىنگتون تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە كونترول قىلىنغان خەلقئارا سودىغا نىسبەتەن مۇھىم بولغان پاناما قانىلى جايلاشقان يەرگە ئايلاندى.

ئاساسلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن 1903-1914 يىللىرى ئارىسىدا قۇرۇلغان پاناما قانىلى، 1977-يىلغىچە ۋاشىنگتوننىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ۋە ئىشلىتىشىدە بولدى. 1999-يىلغىچە پاناما ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىستراتېگىيەلىك بوغۇزنى بىرلىكتە كونترول قىلىشقا باشلىدى.

1989-يىلى جۇمھۇر رەئىس جورج خ. دابلىيۇ بۇش رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، بىر چاغلاردا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان، ئەمما كېيىنچە ئاسىي ھەربىي رەھبەرگە ئايلانغان مانۇئېل نورىئېگانى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىشغالىيەت ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى.

نورىئېگا دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى تارقىتىۋەتكەن بىر ئامېرىكا ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن ئاغدۇرۇلدى. ئامېرىكا ئىشغالىيىتى، ئامېرىكا تەرەپدارى بىر كىشىنىڭ پىرېزىدېنت سۈپىتىدە قەسەم بېرىشىنىڭ ئارقىسىدىن 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاخىرلاشتى.

ترامپنىڭ كانادا، گرېنلاندىيە ۋە پاناما قانىلىغا قارىتىلغان رېتورىك ئېچىلىشلىرى ئاشۇرۇۋېتىلگەن بىر نومۇر كۆرسىتىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ چوڭقۇر بىر ھەقىقەتنى تەكىتلەيدۇ: ئۇ بولسىمۇ «ئامېرىكا ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئامېرىكا قىتئەلىرىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچىنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.»

TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!
Contact us