تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش خاراكتېرلىك دەمەشق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنقەرە ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىققە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ سۈرىيەنىڭ تىنچلىق ئورنتىىش پۇرسىتىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى سوغۇققانلىقنى ساقلاپ، قايتىدىن پۈتۈنلىشىش ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىردى.
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش خاراكتېرلىك دەمەشق ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنقەرە ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشىققە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ سۈرىيەنىڭ تىنچلىق ئورنتىىش پۇرسىتىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى / AA
14 часов назад

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ دەمەشق مەركىزىگە قىلغان ئەڭ يېڭى ھاۋا ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ سۈرىيەنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك ئورنىتىش تىرىشچانلىقىغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىنىستىرلىق يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا: «ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا ھەربىي ئارىلىشىشىدىن كېيىن، دەمەشقنىڭ مەركىزىگە قارىتىلغان بۇ ھۇجۇملار سۈرىيەنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك ئورنىتىش تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەنىدى.

ئەنقەرە، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىكى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش يولىدا قولغا كەلتۈرگەن تېپىلغۇسىز پۇرسىتىنى خەتەرگە ئىتتىرىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «سۈرىيە خەلقىنىڭ تىنچ ياشاش ۋە دۇنيا بىلەن بىرلىشىشى ئۈچۈن تارىخى پۇرسىتى بار».

تۈركىيە سۈرىيەدىكى سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايدىغان بارلىق ئالاقىدار تەرەپلەرنى ھۆكۈمەتنىڭ تىنچلىقنى قوغداش تىرىشچانلىقىغا ئىجابىي تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى

سۈرىيە دۆلەت ئاگېنتلىقى — SANA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەخت دەمەشىققە قاراتقان ئەڭ يېڭى ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر قانچە ئادەم يارىلانغان؛ ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ئارمىيەسى باش ئىشىتابى جايلاشقان رايونغا قىلغان ئالدىنقى ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە ئىككى ئادەم يارىلانغانىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە يەنە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىگە يېقىن بىر جاينىمۇ بومباردىمان قىلغان.

ئىسرائىلىيە چارشەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۇۋەيداغا قايتىدىن ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلدى.

بۇ ھۇجۇملار قوراللىق دىرۇز ۋە بەدەۋىي گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 30 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان توقۇنۇشلاردىن كېيىن، بىخەتەرلىكنى، پۇقرالار ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن سۈرىيە ئارمىيەسى رايونغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان ئەسنادا يۈز بەردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us