سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ئەسكەر سانىنى قىسقارتىپ 1000 نىڭ ئاستىغا چۈشۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى
ۋاشىنگتون، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى يېرىمغا يېقىن ئازايتىشنى پىلانلىماقتا؛ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) كەلگۈسى ئايلاردا رايوندا تۇرۇشلۇق ئەسكەر سانىنىڭ مىڭدىن ئاز بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ئەسكەر سانىنى قىسقارتىپ 1000 نىڭ ئاستىغا چۈشۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى
US plans to cut troop presence in Syria by half, reducing numbers to under 1,000 in the coming months. / AP
April 19, 2025

پېنتاگون، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدە ئورۇنلاشتۇرغان ئەسكەر سانىنى كەلگۈسى ئايلاردا تەخمىنەن يېرىمىغا قىسقارتىپ، 1000 دىن تۆۋەنلىتىدىغانلىقى ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئۆزگىرىش، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىككى پارلامېنت ئەزاسى دەمەشقتە سۈرىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى.

پېنتاگون باياناتچىسى شائون پارنېل جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بۈگۈن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ سۈرىيەدىكى مەلۇم نۇقتىلارغا يۆتكىلىشى ھەققىدە يوليورۇق بەردى» دېدى. بىراق، ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ قەيەرگە يۆتكىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

پارنېل سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ پىلانلىق ۋە شارائىتقا باغلىق جەريان، كەلگۈسى ئايلاردا ئامېرىكا سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقىنى 1000 ئاستىغا چۈشۈرىدۇ»  دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە: «ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى  (CENTCOM)، بۇ يۆتكىلىش ئەمەلگە ئېشىۋاتقان جەرياندا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ‹كۈچ ئارقىلىق تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش› ۋەدىسىگە ئۇيغۇن ھالدا، سۈرىيەدىكى دائېش قالدۇقلىرىغا قارشى ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار بولىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىشى

ۋاشىنگتون، بۇ دۆلەتتىكى ئىچكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ بارلىققا كېلىپ، سۈرىيە ۋە قوشنا ئىراقتا كەڭ زېمىننى ئىگىلىۋالغان دائېشقا قارشى خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، سۈرىيەدە يىللاردىن بۇيان ئەسكەر تۇرغۇزۇپ كەلمەكتە.

دائېش ھەر ئىككى دۆلەتتە زور مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىدى.

ئامېرىكادىن ئىككى پالاتا ئەزاسى، ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان سۈرىيەگە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دېكابىردا بەششار ئەسەد تەختتىن چۈشكەندىن بۇيانقى تۇنجى زىيارىتى دائىرىسىدە، جۈمە كۈنى دەمەشققە يېتىپ كەلدى؛  ئۇلار ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە قوراللىق قىسىملار كومىتېتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان فلورىدا پالاتا ئەزاسى كورى مىللىس بىلەن ئىندىئانادىن مارلىن ستاتزمەن بولۇپ،  ھەر ئىككىسى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە مەنسۇپ.

مىللىس جۈمە كۈنى كەچتە سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد ھۈسەيىن شارا (شەرئ) بىلەن كۆرۈشتى. ھەيئەتتىكى بىر ئەمەلدار، سۆھبەتتە ئامېرىكا ئېمبارگولىرى ۋە ئىران مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئەمەلدار ستاتزمەننىڭ شەنبە كۈنى پىرېزىدېنت شارا بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ستاتزمەن ۋاشىنگتون ھېلىھەم ئېمبارگو يۈرگۈزۈۋاتقان بىر رەھبەر بىلەن كۆرۈشۈش قارارى ھەققىدىكى بىر سوئالغا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران ۋە شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئالاقە قىلغانلىقىنى مىسال قىلىپ جاۋاب بېرىپ: «ھېچكىم بىلەن سۆزلىشىشتىن قورقماسلىقىمىز كېرەك» دېدى ۋە سۈرىيەنىڭ چەت ئەللىك جەڭچىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە دۆلەتتىكى ئوخشىمىغان قاتلاملارنى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us