ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننى ھەر قانداق ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ ئىراندا باشقا نىشانلارغا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ترامپ يەنە ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى «ۋەيران قىلغانلىقىنى» بىلدۈردى.
ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاقسارايدا پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىلغان نۇتۇقىدا: «يا تىنچلىق بولىدۇ ياكى ئىران ئۈچۈن ئۆتكەن سەككىز كۈندە كۆرگىنىمىزدىنمۇ زور تىراگېدىيە يۈز بېرىدۇ» دېدى.
ترامپ: «يېقىندا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈچ مۇھىم يادرو ئەسلىھەسى بولغان فوردو، ناتانز ۋە ئىسفاھانغا كەڭ كۆلەملىك، ئىنچىكە ھۇجۇملارنى قىلدى. بىز بۇ ئىسىملارنى يىللاردىن بۇيان ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز، چۈنكى ئۇلار بۇ قورقۇنچلۇق دەرىجىدىكى ۋەيران قىلغۇچى ئۇرۇنۇشنى بەرپا قىلىۋاتاتتى» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
ترامپ: «مەقسىتىمىز، ئىراننىڭ يادرو بېيىتىش ئىقتىدارىنى يوقىتىش ۋە دۇنيادىكى بىرىنچى نومۇرلۇق تېرورلۇقنى قوللىغۇچى بۇ دۆلەت پەيدا قىلغان يادرو تەھدىتىنى توختىتىش ئىدى» دېدى.
ترامپ ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىنى «ئاجايىپ ھەربىي مۇۋەپپەقىيەت» دەپ ئاتاپ: «ئىراننىڭ مۇھىم يادرو بېيىتىش ئەسلىھەلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى» دېدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئىراننى «ئوتتۇرا شەرقنىڭ زومىگەرى» دەپ ئاتاپ، تېھراننىڭ «ئەمدى تىنچلىق ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى» بىلدۈردى.
ئۇ يەنە: «ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، كەلگۈسىدىكى ھۇجۇملار تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلدى.