April 28, 2025
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋاتىكاندا ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىندىن «ئوق چىقىرىشنى توختىتىش» نى ۋە ئۇكرائىنادا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلدى.
ترامپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنى بىر كۈندە توختىتالايدىغانلىقى توغرىسىدا ماختىنىپ كەلگەن ۋە ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن كېيىن ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى باشلىغان ئىدى.
ناھايىتى ئەپسۇسكى بۇ تىرىشچانلىقلار ھازىرچە ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى.
يەكشەنبە كۈنى (2025-يىلى 27-ئاپرېل) ترامپ پۇتىندىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ئۇنىڭ ئوق چىقىرىشنى توختىتىشىنى ۋە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
ترامپ بۇ سۆزلەرنى شەنبە كۈنى (26-ئاپرېل) رىمدا پاپا فىرانسىسنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ۋاشىنگتونغا قايتىشىدا موررىستوۋن ئايرودۇرۇمىدا قىلدى.
ئۇ: «بىز كېلىشىمنى ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئىگە، دەپ ئويلايمىز. مەن ئۇنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى .
تەۋسىيە