سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ خاتەمۇلئەنبىيا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن قوماندان ئەلى شادمانىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
شادمانى ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامېنېيى تەرىپىدىن بۇ ۋەزىپىگە تېخى بىر قانچە كۈن ئىلگىرىلا تەيىنلەنگەنىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى X [ئىلگىرىكى تىۋىتتېر] تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئىستىخبارات ئىدارىمىز ئالغان ئېنىق ئاخبارات ۋە كېچىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان پۇرسەتتىن كېيىن، ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تېھراننىڭ مەركىزىدىكى قوماندانلىق ئىشتابىغا ھۇجۇم قىلىپ، باش ئىشتاب باشلىقى ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندان ئەلى شادمانىنى يوقاتتى» دېدى.
شادمانىنىڭ ۋەزىپىلىرى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىنى تەستىقلاش ۋە ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
شادمانى ئۆتكەن ھەپتە ئىسرائىلىيە ئېلىپ بارغان ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەن گېنېرال-لېيتېنانت غۇلامئەلى راشىدنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شادمانىنىڭ يوقىتىلىشى ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلىق قاتلىمىنى نىشان قىلغان بىر قاتار ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئىران قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىق زەنجىرىگە يەنە بىر قېتىم ئېغىر زەربە بەردى».
ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ھەرىكەت توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات بەرمىدى، تېھران تەرەپ بولسا شادمانىنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.