ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە 3 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەدىن كۈتۈلگەن قەدەم تاشلاندى.
ھاماس تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن 3 ئەسىرنىڭ بەدىلىگە، غەربىي قىرغاقتىكى راماللاھ شەھىرى يېنىغا جايلاشقان ئوفېر ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 90 پەلەستىنلىك تۇتقۇن قويۇپ بېرىلدى.
پەلەستىن مەتبۇئاتى قويۇپ بېرىلگەن تۇتقۇنلارنىڭ 69 ئايال، 20 كىچىك بالا، بىرىنىڭ ياش يىگىت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەركىنلىككە ئېرىشكەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ 78 ىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتىن، 12 سى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇدۇۇستىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن ئەل-قەسسام بىرىگادىلىرى غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى بىلەن 3 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى قويۇپ بەرگەن ئىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قويۇپ بېرىلگەن رومى گونېن، ئېمىلى دامارى ۋە دورون ستېينبرېچېرنىڭ ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
دىققەتلەر كېلىشىم دائىرىسىدە دەسلەپكى باسقۇچتا 90 پەلەستىنلىك تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلغان ئىسرائىلىيەگە مەركەزلەشكەن ئىدى.