خەلقئارا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئورگىنى - مۇدىيس تۈركىيەنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى «B1» دىن «Ba3» گە ئۆستۈرۈپ، ئىستىقبالىنى «مۇقىم» دەپ بېكىتتى.
ئورگان ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ دەرىجە ئۆستۈرۈش – ئۈنۈملۈك سىياسەت يۈرگۈزۈشتىكى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ، بولۇپمۇ مەركىزىي بانكىنىڭ پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى ئۇزاققىچە يېنىكلىتىدىغان، ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقنى ئازايتىدىغان ھەمدە يەرلىك ئامانەت ئىگىلىرى بىلەن چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۈرك لىراسىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تەدرىجىي ھالدا قايتا تىكلەيدىغان پۇل-كرېدىت سىياسىتىگە بولغان ساداقىتىنى نامايان قىلىدۇ».
بۇنىڭدىن باشقا، مودىيس: «بۇ دەرىجە ئۆستۈرۈش، سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىش خەۋپى تۆۋەنلىدى دېگەن قاراشنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دېدى.
ئورگان ھازىرقى سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنىڭ، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ئىمپورتىغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىش ۋە ئېكسپورتتىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك چىدامچانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
بۇنىڭغا ماس ھالدا، مودىيس تۈركىيەنىڭ يەرلىك پۇلىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى يۇقىرى چېكىنى «Baa3» گە، چەت ئەل پۇلى ئىناۋەت دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى بولسا «Ba2» گە ئۆستۈرۈپ، بۇنىڭغا سىياسەتنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئاساس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.