تۈركىيەلىك سەنئەتچىلەر زەنجىبارنىڭ دېڭىز قىرغىقى ئىقتىسادىنى سەنئەت بىلەن جانلاندۇرماقتا
مەدەنىيەت
5 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەلىك سەنئەتچىلەر زەنجىبارنىڭ دېڭىز قىرغىقى ئىقتىسادىنى سەنئەت بىلەن جانلاندۇرماقتابېلىقچىلىق تىرىكچىلىك مەنبەسى بولغان جەننەت ئارال زەنجىباردا، تۈرك ياردەم تەشكىلاتى «ئۈمىد سەن»، دېڭىز قىرغىقى ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ۋە بولۇپمۇ ئاياللارنى بېلىقچىلىققا قايتۇرۇش مەقسىتىدە، ياپونىيە سەنئەت مۇنبىرى بولغان گيوتاكۇنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
زەنجخباردا ئاياللار گيوتاكۇنى رەسىم سەنئىتىنى ئۆگەنمەكتە / TRT World
7 de marzo de 2025

 ھىندى ئوكياندا تانزانىيە دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان زەنجىبار يېقىنقى يىللاردا غەلىتە ۋە ئادەتتىن تاشقىرى جايلارنى ئىزدەۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىككى چوڭ ئارالدىكى ساياھەت نۇقتىلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ دولقۇنلىرىنىڭ رېتىمى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن تىنچ كەيپىياتى بىلەن بىرلىشىپ، زىيارەتچىلەرگە ئۆزگىچە تەجرىبە سۇنماقتا.

زەنجىبار تۈركىيە بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋىتى بار بولغان پىرېزىدېنت ھۈسەيىن ئەلى مۋىنى تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا. پىرېزىدېنت مۋىنى تۈركىيەگە بولغان يېقىنلىقىنى «يېرىم تۈرك» دەپ تەرىپلەپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋەتنى تەكىتلىمەكتە.

ئۆتمۈشتە ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ مۇھىم بېكىتى بولغان زەنجىبار 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دېڭىزچىلىق ۋە سودا مەركىزى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلغان، ئەمما سۈۋەيش قانىلىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بۇ لىنىيە ئۆزگەرگەن. ھازىر مۇھىم بىر دورا –دەرمەك ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇشىغا قارىماي، ئۇل-ئەسلىھە ۋە ئىمكانىيەتلەرنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن زەنجىبارنىڭ بېلىقچىلىق ۋە دېڭىزچىلىق ساھەلىرىدىكى «يېشىل ئىقتىساد» يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق ئوتتۇرىغا چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا.

 

سەنئەت ۋە سانائەت بىر گەۋدە

 

2012 - يىلىدىن بېرى «ئۈمىد سەن» جەمئىيىتى زەنجىباردىكى بېلىقچىلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە يېشىل ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن سەنئەتنىڭ ياخشىلاش كۈچىدىن پايدىلانماقتا. تانزانىيە تەتقىقات ئىجرا تەسىرى (RIE) جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ساماكى سەنئەت لايىھەسى» نى باشلىغان بۇ جەمئيەت، زەنجىبار بېلىقلىرىنى گيوتاكۇ سەنئىتى بىلەن بىرلىكتە نامايان قىلماقتا.

گيوتاكۇ بېلىقلار گۈرۈچ قەغىزىگە بېسىلىدىغان ئەنئەنىۋى ياپونىيە سەنئىتىدۇر. دەسلەپتە ياپون بېلىقچىلىرى تەرىپىدىن ئولجىلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن پايدىلىنىلغان بۇ ئۇسۇل ھازىر بىر سەنئەت شەكلىگە ئايلاندى.

«ئۈمىد سەن» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەمراھ ئەنگىن «ساماكى سەنئەت لايىھەسى» نىڭ گىيوتاكۇدىن پايدىلىنىپ زەنجىبارنىڭ بېلىقچىلىق ساھەسىنى جانلاندۇرۇشنى ۋە يەرلىك بېلىقچى ئائىلىلىرىنى بۇ ساھەگە كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنقى سېپى

 

«ساماكى سەنئەت لايىھەسى» تۈرك رەسسام سۈلە ياۋۇزەرنىڭ ئىتالىيەلىك گيوتاكۇ سەنئەتكارى ئېلېنى دى كاپىتا بىلەن ھەمكارلىشىپ باشلىغان بىر پىكىر سۈپىتىدە بارلىققا كەلدى ۋە «ئۈمىد سەن» ۋەخپىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

بۇ لايىھە تۈركىيە بىلەن زەنجىبار ئوتتۇرىسىدا يېڭى كۆۋرۈك قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئافرىقالىق بېلىقچىلار ئۈچۈن يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تۈركىيە ئۈچۈن كۈلتۈر ھەمكارلىقى ئافرىقادىكى ئېشىۋاتقان يۇمشاق كۈچىنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇھىم بىر قورالغا ئايلاندى. «ساماكى سەنئەت لايىھەسى» تۈركىيە بىلەن تانزانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتمەكتە.

بۇ مۇناسىۋەتلەر تۈرك ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى- تىكا (TİKA) نىڭ2017-يىلى باشلىغان «ئۆزىگە كۇپايە قىلىدىغان ئافرىقا» قارىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيمەكتە بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە ئىقتىساد ئالاقىلىرىنى مۇستەھكەملىمەكتە.

ئەمراھ ئەنگىن بۇ لايىھەنىڭ نىشانىغا يەتكەندە ئاراللاردىكى بېلىقچى ئائىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر زەنجىبارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 47 دوللار.

«ئۈمىد سەن» نىڭ نىشانى پەقەت بېلىقچىلىق سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. بۇ دائىرىدە ئىككى دانە زامانىۋى كېمە سېتىۋېلىشمۇ پىلانلانماقتا.

ئەمراھ ئەنگىن: «بېلىقچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىغاندىن كېيىن، بۇ ئارال ئۆز ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ۋە باشقىلارغىمۇ ياردەم قىلالايدىغان ئۆزىگە كۇپايە قىلىدىغان بىر يېزىغا ئايلىنىدۇ. بىز بۇ نىشانلارغا 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يېتىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دەيدۇ.

 

ئافرىقادا ياپونىيە سەنئەت مۇنبىرى

 

تۈرك سەنئەتكار سۈلە ياۋۇزەر: «بېلىق بۇ لايىھە ئۈچۈن شۈبھىسىزكى ئەڭ مۇھىم ئىلھام مەنبەسى» دەيدۇ.

تاقىم ئاراللىرىدىكى بېلىقچىلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان تۇمباتۇ ئارىلى گىيوتاكۇ ئۈچۈن غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. ئەمما، لايىھە قوللىغۇچىلىرى يەرلىك خەلقنىڭ بۇ يوشۇرۇن كۈچنى دۇنياغا نامايان قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماقتا.

ياۋۇزەر: «تۇمباتۇنىڭ بېلىقلىرى قانداق قىلىپ يەر شارى بازىرىغا يېتەلەيدۇ؟ ئۆز ئولجىسىنى يىراق بازارلارغا توشۇش ئۈچۈن سوغۇق زەنجىرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بېلىق باسمىلارنى ۋە بۇلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق سېتىشنى تەۋسىيە قىلدىم. بۇ پىكىر ئىجابىي ئىنكاسقا ئېرىشتى ۋە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاتلاندۇق» دەيدۇ.

زەنجىبار ئارىلىدا ياشاۋاتقان 40 ئايال 21 كۈنلۈك تەربىيەلەش، سۆھبەت يىغىنلىرى ۋە كۆرگەزمىلەر بىلەن گىيوتاكۇ سەنئىتىنى ئۆگەندى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئوكياننىڭ پورتېرتلىرى» كۆرگەزمىسىمۇ بار.

دى كاپىتا: «گىيوتاكۇ پۈتۈنلەي ھەقىقىي بېلىق بېسىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ياۋۇزەر مېنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق زەنجىبارغا گىيوتاكۇ ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلدى. مەن بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلدىم ۋە قاتناشقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن، چۈنكى مەن ئاياللارنى يېڭى ئىش ۋە تەرەققىي قىلىش پۇرسەتلىرى بىلەن كۈچەيتمەكچى ئىدىم» دەيدۇ.

 

«ئۈمىد سەن» نىڭ ئىجرا قىلىنىشى

 

يېزىنىڭ ياشانغانلىرىدىن ۋە سەنئەت لايىھەسىنىڭ نەپ ئالغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان رەھمە خەمىس «ساماكى سەنئەت لايىھەسى» ۋە ئاياللارغا قارىتىلغان قوللاش سايىسىدا تۈركىيەنىڭ زەنجىبار ۋە تانزانىيە ئۈستىدە مەڭگۈلۈك تەسىر قالدۇرغانلىقىنى ئېيىدۇ.

خەمىس لايىھە سايىسىدا قولغا كەلتۈرگەن بىلىملىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تەربىيەلىگۈچىلىرىمىزگە ۋە قاتناشقان باشقا جەمئىيەتلەرگىمۇ رەھمەت ئېيتىمىز. بولۇپمۇ <ئۈمىد سەن> جەمئىيىتىگە بۇ ياردەم بىلەن ئارىلىمىزغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىزنى ئايال سۈپىتىدە سەنئەتكار قىلغان <ئۈمىد سەن> گىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. بىز رەسىم سىزىشنىمۇ بىلمەيتتۇق، ئەمما ھازىر بۇنى قوبۇل قىلدۇق ۋە خىزمەتنى قەدىرلەيمىز. ئەمدى بۇنىڭ بىزنى ئىلگىرىگە سىلجىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دەيدۇ.

«ساماكى سەنئەت لايىھەسى» نىڭ يەنە بىر نەپ ئالغۇچىسى بولغان ئارافا مۇسسا خەمىس بىلەن ئوخشاش پىكىردە. ئۇ: «دەسلەپتە بېلىقنى سەنئەت ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدىم، ئەمما بىرىنچى قېتىملىق تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىپ ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدىم. سەنئەت ئەسەرلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە بۇ خىزمەتنىڭ ئەھمىيىتىنى باشقىلارغىمۇ ئۆگىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەيدۇ.

«ساماكى سەنئەت لايىھەسى»نىڭ ئورۇن- جاي ياردەم قىلغۇچىسى ئېمېرسون زەنجىبار فوندىغا ئوخشاش تەشكىلاتلار سەنئەتكارلارنى ئاكتىپ قوللىماقتا ۋە سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە كۇپايە قىلىدىغان بىر كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزمەكتە.

 

بىرىنچى كۆرگەزمە

تۈركىيە ئەلچخانىسى سېنتەبىر ئېيى (2024) نىڭ بېشىدا زەنجىباردا ئىشلەپچىقىرىلغان گيوتاكۇ سەنئىتىنىڭ بىرىنچى كۆرگەزمىسىنى دارۇسسالامدا ئۆتكۈزدى. كۆرگەزمە «ئېمېرسون ھۇرۇمزى مېھمانخانىسى» نىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى ۋە ئەلچىخانىنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى قاتناشتى.

كۆرگەزمىگە تانزانىيە دېڭىز ئىقتىسادى ۋە بېلىقچىلىق مىنىستىرى سۇلايمان مەسئۇد ماقامىمۇ قاتناشتى ۋە «ساماكى سەنئەت لايىھەسى» نىڭ زەنجىبارنىڭ مول ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى نامايان قىلىشقا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن ماختىدى.

تۈركىيە باش ئەلچىسى مەھمەت گۈللۈئوغلۇمۇ بۇ لايىھەنىڭ كەسپىي تەربىيەلەش ئۈچۈن تەرەققىيات تەشەببۇسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىر ئادەمگە بېلىق بەرسىڭىز، بىر كۈنگە تويغۇزىسىز. بىر ئادەمگە بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتسىڭىز، ئۆمۈر بويى تويغۇزىسىز» دېدى.

كۆرگەزمىنىڭ پات يېقىندا ئىستانبۇلدا ئېچىلىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us