تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرى توغرىسىدا تېخىمۇ تولۇق ئۇچۇرغا ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
فىدان يەكشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ: «ھازىرغىچە، بولۇپمۇ (سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو) بايدىن دەۋرىدە باشلانغان سىياسەتلەر نەتىجىسىدە، ھازىرقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشى ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن مۇمكىن بولدى. ھۆرمەتلىك (ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد) ترامپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بىر ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. ھازىر ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارىتا قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىنى كۈتمەكتىمىز. بارلىق دىپلوماتىيە ساھەسىدىكىلەر ئورتاقلاشقان نۇقتا شۇكى: ئامېرىكادىكى يېڭى ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە قىلىنىشى، داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئۇرۇشنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئۇلارغا تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرۈلۈشى كېرەك.» دېدى.
فىدان، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈش مەسىلىسىدە، ھەممەيلەننىڭ «ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئېتىرازى» بارلىقىنى تەكىتلىدى.
مىنىستىر فىدان، بۇ ئېتىرازلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاشكارا، بەزىلىرىنىڭ بولسا مەخپىي ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دىكى بېلەت تاشلاشتا 156 دۆلەتنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
بۇ يەردىكى نېگىزلىك مەسىلىنىڭ، دۇنيانىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بىرلىككە كەلگەن بۇ مەسىلىنى، (يەنى بۇ كىرىزىسنى) توختىتىشقا قۇربى يەتمەيۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن فىدان: «مانا دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان قانۇنىيلىق كىرىزىسى، سىستېما كىرىزىسى دەل مۇشۇ يەردە ئۆزىنى نامايان قىلماقتا» دېدى.
ئىسرائىلىيەگە قارشى ئوخشىمىغان قەدەملەرنى تاشلاش يۆنىلىشىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن فىدان: «ئەمما نېمىلا دېمەيلى، تېخىمۇ كۆپ سەرمايە ۋە سىياسىي كۈچكە ئىگە ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىن كېلىۋاتقان قوللاش توختىتىلمىغۇچە، بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرلاشمايدىغانلىقى بىر ھەقىقەت» دەپ كۆرسەتتى.
مىنىستىر فىدان، بۇ ئەھۋالنىڭ خەلقئارا سىستېمىدا قىسقا مۇددەتتە بولغىنىدەك، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتتىمۇ ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ مەسىلىگە دائىر خىزمەتلەر داۋاملاشماقتا. ئەمما غەززەگە بولغان دىققەت ھەرگىزمۇ سۇسلاشماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قەدەملەرنى تاشلايدىغان ياكى تاشلىمايدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن فىدان، تۈركىيەنىڭ ئەڭ باشىدىن تارتىپ «ئۆز تەسىر دائىرىسىدە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلغانلىقى» ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر دائىرىسىدە ئەلچىنى قايتۇرۇۋېلىشتىن تارتىپ سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشكىچە بولغان بارلىق قەدەملەرنى تاشلىدۇق. كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەر سەۋىيەسىدە، بولۇپمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (IHT)، D-8 (تەرەققىي قىلىۋاتقان سەككىز دۆلەت) تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇپىلىرىدا، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدا نېمىلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ناھايىتى ئەستايىدىل خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.»
مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئوچۇقتىن-ئوچۇق قوللاۋاتقان بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان ئورتاق پوزىتسىيەسى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلىگەنلىكى»نى قەيت قىلىپ: «بۇنىڭدىن كېيىن بەلكىم ئىسلام ئەللىرىنىڭ، ئىسرائىلىيە ئۈستىدە ئەمەس، ئامېرىكا ئۈستىدە دىپلوماتىك خىزمەت ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ، دەپ قارايمەن» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.