ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان خاركىۋ شەھىرىگە قىلىنغان رۇسىيە ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
زېلېنسكىي پويىز تېما قىلىنغان بالىلار باغچىسىغا يېقىن جايدىكى پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان ھۇجۇمنى «تېرورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئەيىبلىدى.
زېلېنسكىي شەنبە كۈنى تېلېگرام ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇنىڭغا سەل قارىيالمايمىز. كۆزىمىزنى يۇمۇۋالالمايمىز. بۇ بىر ئويۇن ئەمەس. بىز ھەر كۈنى ئادەملىرىمىزدىن ئايرىلىۋاتىمىز، چۈنكى رۇسىيە بۇنىڭ جازاسىز قالىدىغانلىقىنى ئويلاۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى يەنە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا «ئۆلۈم ۋە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى» ۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە يېقىن كەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي: «رۇسلار ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييارلانماقتا ۋە بارلىق تىنچلىق پىسەنت قىلمايۋاتماقتا» دېدى.
موسكۋانىڭ سۆھبەتكە يۈزلىنىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق بېسىمنىڭ ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن زېلېنسكىي، رۇسىيەنىڭ ئىلگىرى پەقەت تاشقى بېسىم سەۋەبىدىنلا سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ يەنە جەڭ مەيدانىدىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ بىر دانە سۇ-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ۋە يېقىنقى كۈنلەردە رۇسىيەنىڭ ئۈچ دانە «ئىسكەندەر» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى يوق قىلغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.