كالىفورنىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تاموژنا باجلىرى سىياسىتىگە قارشى سوتقا ئەرز سۇنغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۇنجى ئىشتاتى بولدى.
كالىفورنىيە ۋالىيسى گاۋىن نېۋسوم چارشەنبە كۈنى فېدېراتسىيە سوتىغا ترامپنىڭ دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىمىغان بولۇشىغا قارىماي
خەلقئارا ئىقتىسادىي جىددىي ھالەت ھوقۇقى قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ تاموژنا باجلىرىنى يولغا قويۇشىغا قارشى سوتقا ئەرز سۇنغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان ۋىدېئولۇق باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن كالىفورنىيە ئىشتاتى نامىدىن ترامپ ھاكىمىيىتىگە قارشى سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىمنى جاكارلىدىم.
دەرۋەقە، كالىفورنىيە دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىشتاتى ۋە دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكلىرىدىن بىرىدۇر. ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ زامانىۋى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك باج ئۆستۈرۈشنى بىر تەرەپلىمىلىك ھوقۇقىنى ئىشقا سېلىپ جارى قىلىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىدە ھېچبىر ئىشتات كالىفورنىيەدەك زىيان تارتمايدۇ.
بۇ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزىنىڭ ۋاراتاسىغا ئۆزى توپ كىرگۈزۈش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ زامانىۋى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۆز - ئۆزىنى يوق قىلىدىغان ئەڭ خەتەرلىك قەدەملەردىن بىرىدۇر.»
يېقىنقى مەزگىلدە يۈز بەرگەن تاموژنا بېجى تەۋرىنىشلىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادىي زىياننىڭ ئەڭ چوڭ يۈكى، 40 مىليونلۇق نوپۇسى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %14 ىنى تەشكىل قىلىدىغان، ئىشىكى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچى بولغان كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.
گاۋىن نېۋسوم ترامپ ھاكىمىيىتىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەگەر ئامېرىكا مۇستەقىل دۆلەت بولسا ئىدى، كالىفورنىيە دۇنيانىڭ بەشىنچى چوڭ ئىقتىسادى كۈچى بولاتتى، ئەمما ترامپنىڭ تاموژنا باجلىرى سىياسىتى سەۋەبىدىن خەلقئارا سودا ئىشلىرى كەينىگە چېكىنىپ كەتسە، كالىفورنىيە مىلياردلارچە دوللارلىق كىرىمدىن مەھرۇم قالىدۇ.»
«ترامپنىڭ بۇنداق قىلىش ھوقۇقى يوق»
كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سوتقا سۇنغان ئەرزنامەسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ:
«ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدا تاموژنا باجلىرىنى يولغا قويۇش ھوقۇقى دۆلەت مەجلىسىگە بېرىلگەن بولۇپ، ترامپنىڭ ئىلگىرى سۈرگنىدەك، پىرېزىدېنتنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي جىددىي ھالەت ھوقۇقى قانۇنىنى ئىشقا سېلىپ بارلىق ماللاردىن خالىغانچە باج ئېلىش ھوقۇقى يوقتۇر.
پرېزىدېنت ترامپنىڭ يېڭى تاموژنا باجلىرى تۈزۈمى ھازىردىن باشلاپلا ئىقتىسادنى ۋەيران قىلىدىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى؛ پاي چېكى ۋە ئوبوروت بازارلىرىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى، بىر نەچچە سائەت ئىچىدىلا يۈزمىلياردلارچە دوللارلىق بازارلار قىممىتىنى يوقاتتى، پىرېزىدېنت تاموژنا باجلىرىنى ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش قىلماستىن ياكى مەلۇم باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئىجرا قىلماستىن بىرلا ۋاقىتتا يولغا قويغانلقتىن مەبلەغ سالغۇچىلارنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى، دۆلەتنى ئىقتىسادىي تۆۋەنلەش گىردابىغا ئىتتىرىش خەۋپى پەيدا قىلدى.
ئامېرىكا ئىشتاتلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭ ئىمپورتچى ۋە دۇنيانىڭ بەشىنچى چوڭ ئىقتىسادى كۈچى بولغان كالىفورنىيە ئىشتاتى، تاموژنا باجلىرى خىراجىتىنىڭ <تەڭسىز ئۈلۈش> نى ئۈستىگە ئالماقتا.»
ئاقساراي باياناتچىسى كۇش دېساي چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كالىفورنىيە ۋالىيسى گاۋىن نېۋسومنىڭ ترامپنىڭ تاموژنا باجلىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئورنىغا، ئىشتاتتىدىكى جىنايەت، ئۆي-ماكانسىزلىق ۋە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە قىممەتچىلىك مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن، ئامېرىكانىڭ سانائەتلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئىشچىلىرىمىزنى ئارقىدا قالدۇرغان بۇ دۆلەتلىك جىددىي مەسىلىلەرنى تاموژنا باجلىرىدىن تارتىپ مۇزاكىرىلەرگە قەدەر قول ئىلكىمىزدىكى بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش ئرادىسى قەتئىيدۇر.»
ترامپ ھاكىمىيىتى ھازىر ئۈچ خىل ئوخشاش ئەرزگە دۇچ كەلمەكتە: بىرىنچىسى؛ Liberty Justice Center سودا قوغدىغۇچى گۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزى نىيۇ يورك شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا سودا سوت مەھكىمىسىدە بارلىق تاموژنا باجلىرىنى توسۇش مەقسىتىدە سوتقا سۇنغان ئەرزىدۇر. ئىككىنچىسى؛ فلورىدادىكى بىر كىچىك كارخانا خوجايىنىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان تاموژنا باجلىرىنى توسۇش مەقسىتىدە فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە سۇنغا ئەرزىدۇر. ئۈچىنچىسى؛ مونتانادا كانادانىڭ ئالبېرتا ئىشتاتى ۋە مونتانادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەرلىك ئامېرىكا Blackfeet قەبىلىسى ئەزالىرىنىڭ ترامپنىڭ كاناداغا قويغان تاموژنا باجلىرىنى توسۇش مەقسىتىدە سوتقا سۇنغان ئەرزىدۇر.