خىتاي سەيشەنبە كۈنى (2025-يىلى 1-ئاپرېل) تەيۋەن ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرى قاتناشقان مانېۋىرنىڭ ئارال ئەتراپىدىكى قورشاۋ ۋە «نۇقسانسىز ھۇجۇم» نىڭ تەييارلىقلىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىندى.
بىلدۈرۈلىشىچە، تەيۋەن شۇنىڭدىن كېيىن، ئايروپىلان ۋە ھەربىي پاراخوتلىرىنى رايونغا ئەۋەتىپ، قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
بېيجىڭ بۇ مانېۋىرلارنىڭ تەيۋەندىكى بۆلگۈنچىلەرگە «قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە كۈچلۈك تەھدىت» ئۇچۇرى بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاي شەرقىي ھەربىي رايونى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك شى يى مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى مانېۋىر ھاۋا-دېڭىز ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىش، چارلاش، ئەۋزەللىككە ئېرىشىش، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش، مۇھىم رايون ۋە دېڭىز يولىنى قورشاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ «كۆپ يۆنىلىشلىك ھالدا تەيۋەنگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقى» خەۋەر قىلىندى.
مانېۋىر يەنە «كۆپ يۆلىنىشلىك قاتتىق زەربە بېرىش» مەشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. خىتاينىڭ ۋېيبو تورىدا ئېلان قىلغان سىندا، خىتاي ئارمىيەسى كارتون فىلىملەر بىلەن خىتاينىڭ «غەربكە ساياھەت» ناملىق كلاسسىك رومانىدىكى پېرسوناژ مايمۇن شاھى سۇن ۋۇكۇڭ ئوبرازىدىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات ئېلىپ باردى. بۇ سىن سۈنئىي ھەمراھنىڭ تەيۋەندىكى نىشانلارنى ئىشارەتلىشى ۋە راكېتا ھۇجۇملىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.
ھەربىي يوللار ئارقىلىق ھەمبەھرلەنگەن بىر رەسىمدە، تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې ئوتتا كۆيگەن ھاشارەت سۈپىتىدە تەسۋىرلەندى.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گو جياكۇن تەيۋەن ئەمەلدارلىرىنىڭ مۇستەقىللىقتا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئارقىلىق خىتايدىن ئايرىلىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ «مەغلۇبىيەتكە مەھكۇم» بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مانېۋىرغا قارشى ئايروپىلان ۋە پاراخوت ئەۋەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتاينى «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاۋارىچىلىق مەنبەسى» دەپ ئەيىبلىدى.
خىتاي مانېۋىرى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتې خېگسېت (Pete Hegseth) نىڭ يەكشەنبە كۈنى (30-مارت) ياپونىيەدە ئېلان قىلغان باياناتىدىن كېيىن باشلاندى.
خېگسېت ئامېرىكانىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا ئۈستۈن كۈچىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ۋە بېيجىڭنى «ئۇرۇشقاقلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.
خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەيۋەن ئەتراپىغا ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە دېڭىز-ئوكيان ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتتى.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىنقى قېتىملىق مانېۋىردا 21 ئۇرۇش پاراخوتى (شەندۇڭ ئاۋىياماتكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 71 ئايروپىلان ۋە تۆت دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئۇ قېتىمقى مانېۋىردا راست ئوق-دورا ئىشلىتىلمىگەن.
لەي چىڭدې خىتاينى «دۈشمەن تاشقى كۈچ» دەپ تەسۋىرلەپ، خىتاينىڭ جاسوسلۇق ۋە سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تەدبىر قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يوشۇرۇن توقۇنۇش نۇقتىسى
ئاقساراي باياناتچىسى كارولىن لېۋىتت (Karoline Leavitt) ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىقنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئامېرىكانىڭ «ھەر قانداق شەكىلدە بىر تەرەپلىمە ھالدا بېسىم ياكى بېسىم ئارقىلىق ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى قايتا تەكىتلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي مانېۋىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەرەپلەرنى «سالماق» بولۇشقا چاقىردى.
خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەيۋەن ئەتراپىدا بىر قانچە چوڭ مانېۋىر ئېلىپ باردى. بۇ مانېۋىرلار دائىم ئارالنى قورشاۋغا ئېلىش ياكى تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن رېپېتىتسىيە دەپ ئىزاھلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي بىۋاسىتە ئىشغال قىلىشتىن بەكرەك، خەتىرى ئاز بولغان قورشاۋغا ئېلىشقا يۈزلەندى» دەپ قارايدۇ.
تەيۋەن ھەربىي مۇتەخەسسىسى سۇزۇ يۈن مانېۋىرنىڭ ماي ۋە ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن «ئورتاق قىلىچ» مانېۋىرى بىلەن ئوخشاش كۆلەمدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تامكاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لىن يىڭيۈ: «مانېۋىرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان زىيارىتىدىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، خىتاينىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنى چېكىپ كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.
خىتاي ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوللىشىغا قارشى تۇرىدۇ. ۋاشىنگتون 1979-يىلى «بىر خىتاي» سىياسىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى توختاتتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى خىتاينىڭ بىردىنبىر قانۇنىي ۋەكىلى دەپ ئېتىراپ قىلدى. بىراق، بېيجىڭنىڭ تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى تەشەببۇسىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىدى.
تەيۋەن دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتىدە يوشۇرۇن توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلىشنىڭ قانۇنىي مەجبۇرىيىتى بار، ئەمما بۇ ئارالنى بىۋاسىتە ھەربىي جەھەتتىن قوغداش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلىدە «ئىستراتېگىيەلىك ئېنىقسىزلىق» سىياسىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش 1949-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭ ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن تەيۋەنگە چېكىنگەن. تەيۋەن ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ قارايدۇ، ئەمما رەسمىي مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشتىن چېكىندى. بۇ بېيجىڭ ئۈچۈن «مۇتلەق قىزىل سىزىق» ھېسابلىنىپ كەلدى.
كۈنىمىزدە 11 دۆلەت ۋە ۋاتىكان تەيۋەننى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.