تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنىيان بىلەن ئېلىپ بارغان كۆرۈشۈشىدە، تۈركىيەنىڭ پەقەت كاۋكاز رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن بارلىق دىپلوماتىيە يوللىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەۋپ-خەتەرلەرنى يوق قىلىش مەقسىتىدە باشقا رەھبەرلەر بىلەنمۇ داۋاملىق ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىرقى شارائىت ئاستىدا داۋاملىشىۋاتقان ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشتە، ئەردوغان بىلەن پاشىنىيان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر، ئەنقەرە - ئېرىۋان مۇناسىۋەتلىرى، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا تىنچلىق ۋە دىيالوگ ئورنىتىش باسقۇچى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
ئەردوغان يەنە تۈركىيەنىڭ «تەڭ پايدا ئېلىش» پىرىنسىپى ئاساسىدا رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان قىلىنغان تەشەببۇسلارنى ھەر جەھەتتىن قوللاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.
كۆرۈشۈشتە تۈركىيە بىلەن ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچى دائىرىسىدە تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.
