ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆت سوتچىسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى.
ۋاشىنگتون نېتانياھۇ ئۈستىدىن چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقى ۋە ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈشى سەۋەبىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى سوتچىلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلىدى ۋە مال-مۈلكلىرىنى توڭلىتىپ قويدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسرائىلىيە باش ۋەزىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆت سوتچىسىغا ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈپ، ھوقۇقىنى ئىشلىتەلمەيدىغان قىلىپ قويۇش ئۈچۈن مەھكىمىگە قاراتقان بېسىملىرىنى كۈچەيتتى.
لاھەيدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ۋە ھەممىسى ئايال بولغان تۆت سوتچىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىدۇ، ھەمدە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادى ئەڭ كۈچلۈك بولغان دۆلەتلەردىكى مال – مۈلۈكلىرى ياكى باشقا مەنپەئەتلىرى توڭلىتىپ قويۇلىدۇ.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارىغان ھەرقانداق قەدەمنى باسىدۇ.
كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى قۇدرەتلىك ئامېرىكا پىداكارلىقلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋېلىنغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنى، بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى بۇ نومۇسسىزلارچە ھۇجۇمغا قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىرىمەن.»
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى رۇبىيوغا دەرھال مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:
«بۇ تەدبىرلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 125 ئەزا دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇستەقىللىقىغا زىيان يەتكۈزۈش نىشان قىلىنغان ئوچۇق-ئاشكارا بىر تەشەببۇستۇر.»
ئۇرۇش جىنايەتلىرى
كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلارنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ بۇنىڭغا تېخىمۇ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشكە، 2002-يىلى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرى ئارزۇ قىلمىغان ياكى قىلالمىغان ئەھۋاللاردا دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن قۇرۇلغان خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇستەقىل ئورگان ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم قوللاشقا چاقىردى.
كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە ئىشلىرى دىرېكتورى لىز ئېۋېنسون ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندە يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر جىنايەتلەر، ئامېرىكانىڭ جىنايەتكە شېرىك بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ۋەھشىيلىكلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ بۇ تەشەببۇسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى جىنايەتچىلەرنى سوتلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشنى نىشان قىلماقتا.»
ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن سوتچىلاردىن ئىككىسى سىلوۋېنىيەلىك بېتى خوھلېر ۋە بېنىنلىق رېينې ئالاپىنى-گەنسو، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا نېتانياھۇ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سوت باسقۇچلىرىغا قاتناشقان ئىدى.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى نېتانياھۇ ۋە سابىق ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانتنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئۇرۇش تەدبىرلىرى سۈپىتىدە ئاچ قالدۇرۇش جىنايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ جاۋابكارلىرى دەپ ھۆكۈم چىقارغانىدى.
سوت مەھكىمىسىنىڭ پەرەزگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىسرائىلىيە، ئۇرۇش جىنايىتى ئەيىبلەشلىرىنى ۋە خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقانىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىشىنىمۇ غەزەپلەنگەن ھالدا رەت قىلدى.
قالغان ئىككى سوتچى پېرۇدىن لۇز دېل كارمېن ئىبانېز كاررانزا ۋە ئۇگاندادىن سولومى بالۇنگى بوسسا بولۇپ، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشى جەريانىدا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى.
قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇش يولىغا قايتىش
ئامېرىكامۇ، ئىسرائىلىيەمۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى قۇرغان رىم تۈزۈمىگە تەرەپدار ئەمەس.
ئەمما ئامېرىكانىڭ غەربلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك – ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، لاتىن ئامېرىكاسىنىڭ كۆپ قىسمى ۋە ئافراقىنىڭ كۆپ قىسمى – بۇ تۈزۈمگە تەرەپدار بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىن گۇماندارلار ئۇلارنىڭ زېمىنىغا قەدەم باسقاندا بۇ دۆلەتلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى كېرەك.
ترامپ ئالدىنقى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئافغانىستاندا سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى تەكشۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باش سوتچىسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ئىدى.
ترامپنىڭ 2020-يىلدىكى مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، سابىق پىرېزىدېنت جو بايدىن سوتلاش جەريانىدا باشتىن - ئاخىر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق مەھكىمىگە تېخىمۇ يۇمشاق پوزىتسىيە تۇتقان ئىدى.
رۇبىيودىن بۇرۇنقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن مەزكۇر ئېمبارگولارنى بىكار قىلغان ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشىنى تەكشۈرگەن سوت مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلاشقان ئىدى.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرى 2023-يىلى، ئۇرۇش جەريانىدا ئۇكرائىنالىق بالىلارنى كۆپلەپ ئېلىپ كېتىش بىلەن ئەيىبلەپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.
/