تۇرۇمپ ھۆكۈمىتى 6 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەننى ئۆلگەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك سانى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ ھاكىمىيىتى 6000 دىن ئارتۇق كۆچمەننى ئۆلۈپ كەتكەن ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەم پۇلى ئالغۇچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ياردەم پۇللىرى ۋە ئىشلەش ھوقۇقىنى توختاتقان.
«ۋاشىنگتون پوست» گېزىتىنىڭ ئاقساراي ئەمەلدارىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمەنلەرنى «ئۆلۈكلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈشتىن مەقسەت ئىجازەتنامەسى يوق كۆچمەنلەرنى ئامېرىكانى تەرك ئېتىشكە مەجبۇرلاش ئىكەن.
بۇ سىياسەت دونالد ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش باسقۇچىدا ئاقساراي تەرىپىدىن قوللىنىلىۋاتقان كۆچمەنلەرگە قارشى قاتتىق تەدبىرلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ. بۇ تەدبىرلەر 200 دىن ئارتۇق گۇمانلىق گۇرۇھ ئەزالىرىنى سالۋادوردىكى داڭلىق تۈرمىگە ئەۋەتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرى (SSN) ئامېرىكادىكى شەخسلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسىدۇر. بۇ نومۇر كىرىمنى دوكلات قىلىش، ئىجتىمائىي ياردەم ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە باشقا مەقسەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ.
شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يۈز مىڭلىغان قانۇنسىز كۆچمەن ئامېرىكادا ئىجتىمائىي كاپالەت نومۇرىغا ئىگە. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆچمەنلەرنىڭ چېگرا ئېغىزلىرىدىن قانۇنسىز ھالدا ئۆتۈش ھەرىكەتلىرىنى ئازايتىش مەقسىتىدە بۇ دۆلەتكە ۋاقىتلىق كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان بايدىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئامېرىكاغا كەلگەن.
ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنىڭ قورالغا ئايلاندۇرۇلۇشى
ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ «ۋاشىنگتون پوست» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ھەرقانداق بىر شەخس ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدا «ئۆلگەن» دەپ تىزىمغا ئېلىنغىنىدا، كۆپ ساندىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار، ئۆي ئىگىلىرى، بانكىلار ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بۇ شەخسنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدىن چىقىرىۋېتىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا مەزكۇر شەخسنىڭ ئامېرىكادا تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىدىن بەھرىمەن بولۇش مۇددىتى توشىدىكەن.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، «ئۆلۈكلەر تىزىملىكى» نى ئىشلىتىش قارارى ئېلون ماسك رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش ئورگىنىنىڭ خىزمەتچى – خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىقىرىلغان.
«نىيۇ يورك تايمىس» گېزىتىنىڭ ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆججەتلىرىگە ئاساسلىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە تىزىمغا ئېلىنغان 6300 كىشى «جىنايەتچى مەھبۇسلار ۋە گۇماندار تېررورلۇقچىلار» دىن تەركىب تاپىدىكەن.
لېكىن ھەر ئىككى گېزىت، بۇ سىياسەتنىڭ يېقىندا تېخىمۇ كۆپ ئىجازەتنامەسى يوق كۆچمەنلەرگە قارىتا يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىجازەتنامەسى يوق كۆچمەنلەرگە قارشى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى قورالغا ئايلاندۇرۇش تۈزۈمى، سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان يەنە بىر قەدەمدىن كېيىن يولغا قويۇلدى. بۇ قەدەمدە، باج ئىدارىسىدىن (IRS) ئېلىنغان باج تۆلەش مەلۇماتلىرى كۆچمەنلەرگە مەسئۇل ئورگانلارغا يەتكۈزۈلىدۇ.
مىليونلىغان ئىجازەتنامەسى يوق كۆچمەنلەر كۆچمەنلىك رەسمىيەتلىرىنى قولايلاشتۇرۇش ۋە ئامېرىكانىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاساسلىق فېدېراتسىيە پىروگراممىلىرىنىڭ مالىيە ساغلاملىقىنى قوللاشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان باج تاپشۇرماقتا.