ياز پەسلىنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەدە دالا ئوت ئاپەتلىرى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيگەن بولۇپ، رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1-ئىيۇندىن بۇيان 1516 قېتىم ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى X تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرىنىڭ 27 ئايروپىلان، 105 تىكئۇچار ۋە 14 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن تەشكىل تاپقان زور ھاۋا فىلوتىنىڭ قوللىشى بىلەن كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
ئوت ئاپىتىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن تەخمىنەن 6000 دانە سۇ پۈركۈش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ماشىنىسى بىلەن بىرگە 25 مىڭ كىشىلىك ئورمانچىلىق خادىملىرى سەپەرۋەر قىلىندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «ھازىرغىچە ئوت ئاپەتلىرىنىڭ 1507 سى كونترول ئاستىغا ئېلىندى. ئايروپىلان ۋە تىكئۇچارلىرىمىز جەمئىي 10 مىڭ 260 قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، 33 مىڭ 200 توننا سۇ تۆكتى» دېدى.
ئەردوغان ئوت ئاپىتىدە جاۋابكارلىقى بارلىقى ئېنىقلانغان 31 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى، بۇلاردىن 10 نەپىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، 10 كىشىنىڭ بولسا قانۇنىي تەدبىر قوللىنىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئوت ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان پۇقرالاردىن ھال سوراش بىلەن بىرگە، دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ دېگۈدەك ھەممىسىنىڭ ئەپسۇسكى، ئىنسان ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
«دۆلىتىمىز ئەلۋەتتە بارلىق تەدبىرلەرنى قوللانماقتا، لېكىن ئەڭ مۇھىمىنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەن» دېگەن ئەردوغان، پۇقرالارنى ئالدىمىزدىكى ئىككى ئاي ئىچىدە ئالاھىدە ھوشيار بولۇشقا ۋە «يېشىل ۋەتەن»نى ئورتاق قوغداشقا چاقىردى.