ترامپنىڭ ھىندىستان ياكى باشقا جايلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلاردىن %25 تاموژنا بېجى ئېلىش تەكلىپىگە ئاساسەن، مۇتەخەسسىسلەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئامېرىكاغا يۆتكىلىشىگە ئون يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ۋە ئايفونلارنىڭ تەننەرخىنىڭ 3500 دوللارغا يېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ ئايفون ئىشلەپچىقىرىشىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا يۆتكەشكە ئۇرۇنۇشى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نۇرغۇن قانۇنىي ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك بىر مىسال، ئاپتوماتلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان «كىچىك بۇرمىلار» نى قۇراشتۇرۇش مەسىلىسى ئىكەن.
ترامپ جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، ھىندىستان ياكى باشقا جايدا ئىشلەپچىقىرىلىپ ئامېرىكادا سېتىلىدىغان ئايفونلارغا %25 تاموژنا بېجى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى. بۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇش نىشانىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.
ترامپ شۇ كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، %25 لىك تاموژنا بېجىنىڭ سامسۇڭ ۋە باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغىمۇ تەتبىقلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ باجلارنىڭ ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىدا يولغا قويۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇنداق بولمىغاندا ئادىل بولمايدۇ» دېدى ۋە بۇ باجلارنىڭ بارلىق ئىمپورت قىلىنغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفونلارغا يۈرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ: «(ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى) تىم (كۇك) بىلەن بىر كېلىشىمىمىز بار ئىدى، ئۇ بۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى، ھىندىستاندا زاۋۇتلارنى قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ ھىندىستانغا بېرىشىدا مەسىلە يوقلۇقىنى، ئەمما بۇ يەردە تاموژناسىز مەھسۇلات ساتالمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
سودا مىنىستىرى ھوۋارد لۇتنىك ئۆتكەن ئايدا CBS قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، «ئايفون ياساش ئۈچۈن مىليونلىغان كىشىنىڭ كىچىك-كىچىك بۇرمىلارنى بۇراش ئىشى»نىڭ ئامېرىكاغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق مېخانىك ۋە ئېلېكترىكچىلەرگە ئوخشاش ھۈنەرۋەن ئىشچىلار ئۈچۈن ئىش ئورنى يارىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
ئەمما كېيىن CNBC قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، كۇكنىڭ ئۆزىگە بۇ ئىش ئۈچۈن تېخى مەۋجۇت بولمىغان بىر تېخنىكىغا ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتكەتكەندىن كېيىن: «ئۇ ماڭا، ماشىنا ئادەم قوللىرىنىڭ مۇۋاپىق كۆلەم ۋە ئىنچىكىلىكتە ئىشلىشى كېرەكلىكىنى، ھەمدە بۇ تېخنىكىنى كۆرگەن كۈنىلا ئىشلەپچىقىرىشنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېگەنىدى.
سودا ئادۋوكاتلىرى ۋە پىروفېسسورلارنىڭ ئېيتىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئالما شىركىتىگە تاموژنا بېجى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىشىنىڭ ئەڭ تېز يولى، كەڭ دائىرىلىك ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا يۈرگۈزۈلگەن جازا خاراكتېرلىك تاموژنا بېجىنىڭ ئاساسى بولغان ئوخشاش قانۇنىي مېخانىزمدىن پايدىلىنىش بولىدىكەن.
«خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى» دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن، پىرېزىدېنتنىڭ ئامېرىكاغا نىسبەتەن پەۋقۇلئاددە ۋە ئالاھىدە بىر تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان جىددىي ھالەت ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي ھەرىكەت قوللىنىشىغا يول قويىدۇ.
ۋاشىنگتوندىكى ئاكىن گامپ شىركىتىدىن ساللى ئىستېۋارت لياڭ: «شىركەتلەرگە خاس تاموژنا بېجىغا يول قويىدىغان ئېنىق بىر قانۇنىي ھوقۇق يوق، ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتى بۇنى جىددىي ھالەت ھوقۇقى دائىرىسىدە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن» دېدى.
لياڭ، شىركەتلەرگە خاس تاموژنا بېجىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «لېكىن، پەقەت ئالما شىركىتىگىلا قارىتىلغان تاموژنا بېجى، باشقا مۇھىم تېلېفونلار ئۈچۈن رىقابەت ئۈستۈنلۈكى يارىتىپ بېرىپ، ترامپنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئامېرىكاغا يۆتكەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇتەخەسسىسلەر، ترامپنىڭ «خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى»نى جانلىق ۋە كۈچلۈك بىر ئىقتىسادىي قورال دەپ قارايدىغانلىقىنى، چۈنكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ پىرېزىدېنت ئېلان قىلغان جىددىي ھالەتكە قارىتا (ھۆكۈمەتنىڭ) قوللانغان تەدبىرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ھوقۇقىنىڭ بار-يوقلۇقىنىڭ ئېنىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا قانۇن پىروفېسسورى تىم مېيېر بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھۆكۈمەتنىڭ نۇقتىئىنەزىرىچە، بىر جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش ۋە بۇنى ئالاھىدە ياكى پەۋقۇلئاددە دەپ ئاتاش رەسمىيىتىنى ئادا قىلغانلا بولسا، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قىلالايدىغان ھېچقانداق ئىشى يوق» دېدى.
12 ئىشتات مانخاتتىندىكى خەلقئارا سودا سوت مەھكىمىسىگە ترامپنىڭ «قۇتۇلۇش كۈنى» ناملىق تاموژنا بېجىغا قارشى ئەرزنامە سۇنغانىدى؛ سوت مەھكىمىسى بۇ دائىرىدە «خەلقئارا جىددىي ئىقتىسادىي ھوقۇق قانۇنى»نىڭ تاموژنا بېجىغا يول قويىدىغان-قويمايدىغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
مېيېر مۇنداق دېدى: «ئەگەر ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ دەۋادا غەلىبە قىلسا، پىرېزىدېنت ئالما ئايفون ئىمپورتىغا تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن بىر جىددىي ھالەت ئاساسى تېپىشتا قىينالمايدۇ.»
مېيېر يەنە ترامپنىڭ ئايفونلارنى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان سودا قىزىل رەقىمى جىددىي ھالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋېلىشى مۇمكىنلىكىنىمۇ ئېيتتى.
ۋېدبۇش شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى دان ئىۋېس بىر تەتقىقات دوكلاتىدا: «لېكىن، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئامېرىكاغا يۆتكىلىشى ئون يىلغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن، بۇ ئەھۋال ئايفونلارنىڭ باھاسىنى 3500 دوللارغىچە ئۆستۈرۈۋېتىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئايفونى ھازىر تەخمىنەن 1200 دوللارغا سېتىلماقتا.
ئىۋېس: «ئالما شىركىتىنىڭ ئايفونلارنى ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىش ئىدىيەسى، ئەمەلگە ئاشمايدىغان بىر ئەپسانىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پىروفېسسورى برېت ھاۋۇس: «بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئايفونلارغا يۈرگۈزۈلگەن بىر تاموژنا بېجى، ئالما شىركىتىنىڭ تەمىنات زەنجىرى ۋە مالىيە ئىشلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ چىقىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلار ئۈچۈن پايدىلىق ئەمەس» دېدى.