دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتى زېلېنسكىي بىلەن پۇتىننىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزگۈسى تىنچلىق سۆھبىتىگە مەركەزلەشتى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن كىيېۋ دائىرىلىرىنىڭ 2022-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى توختىتىپ قويۇلغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى قايتا باشلاش مەسىلىسىدە بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگۈسى تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۈچۈن «پۇتىننى تۈركىيەدە كۈتىدىغانلىقى» توغرىسىدا بەرگەن ئەڭ يېڭى باياناتى، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.
زېلېنسكىينىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بىۋاسىتە ئۆتكۈزگۈسى تىنچلىق سۆھبىتى، ئۈچىنچى يىلىغا كىرگەن توقۇنۇشتا مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارالماقتا.
خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى زېلېنسكىينىڭ پۇتىنغا قىلغان چاقىرىقىدا، «مەن سىزنى تۈركىيەدە ساقلايمەن» دېگەن باياناتىنى ھەر خىل تېمىلاردا ۋە چاقماق خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلدى. تۈركىيەدە ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى مەسىلىسى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.
«‹Axios› خەۋەرلەر تورى»، زېلېنسكىي بىلەن پۇتىننىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزگۈسى تىنچلىق سۆھبىتىگە دائىر خەۋىرىنى «زېلېنسكىي پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ» سەرلەۋھىسىدە ئېلان قىلدى ۋە بىر ئۇكرائىنا ئەمەلدارىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى:
«رۇسىيە دۈشەنبە كۈنى ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردىمۇ زېلېنسكىي پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.»
«‹The New York Times› گېزىتى»، زېلېنسكىينىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلدا پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئالدى بىلەن ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلۇشىغا باغلىق ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما دىپلوماتىيەگە يول ئېچىش ئۈچۈن رۇسىيەنى يەنە بىر قېتىم دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
BBC بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى: «ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىستانبۇلدا پەيشەنبە كۈنى بىۋاسىتە كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىسىدە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
«‹Independent› گېزىتى»، زېلېنسكىينىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان مۇنۇ باياناتىنى نەقىل كەلتۈردى:
«پۇتىننى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدە كۈتىمەن. بۇ قېتىم رۇسلارنىڭ باھانە ئىزدىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
«‹The Sunday Times› گېزىتى» زېلېنسكىي – پۇتىن سۆھبىتى ھەققىدىكى خەۋىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئېلان قىلدى:
«ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي 2022-يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگۈسى تۇنجى بىۋاسىتە تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىشنى قوبۇل قىلدى.»
«‹The Kyiv Independent› گېزىتى»، بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى: «زېلېنسكىي تۈركىيەدە پۇتىن بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى قىلدى» سەرلەۋھىسىدە ئېلان قىلدى.
ئۇكرائىنانىڭ «‹Ukrinform› خەۋەر ئاگېنتلىقى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن مۇنداق ئورتاقلاشتى:
«ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيەدىن ئۇرۇش توختىتىشنى كۈتىدىغانلىقىنى ۋە كىرېمىل رەھبىرى ۋلادىمىر پۇتىننى 15-مايدا تۈركىيەدە ساقلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.»
«‹The Straits Times› گېزىتى» نىڭ زېلېنسكىي بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:
«11-ماي كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ <تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ ئىشقا ئېشىپ ئاشمايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش شەرت> ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدىن كېيىن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پۇتىن بىلەن تۈركىيەدە يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلدۈردى.»
تېھراننىڭ «‹Iran Front Page› خەۋەرلەر تورى»، بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى: «زېلېنسكى پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدە پۇتىن بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىسىدە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
«‹Moscow Times› گېزىتى : «ترامپ ئۇكرائىناغا رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى قوبۇل قىلىش چاقىرىقى قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، زېلېنسكىينىڭ تۆۋەندىكى باياناتىنى نەقىل كەلتۈردى: «پۇتىننى پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدە كۈتىمەن.»
قاتارنىڭ «‹Al Jazeera› تېلېۋىزىيەسى»، «زېلېنسكىي ئۇرۇش توختىتىشىنى ئۈمىد قىلماقتا، تۈركىيەدە پۇتىن بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:
«ئۇكرائىنا رەھبىرى رۇسىيە بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن تولۇق، ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنىڭ يولغا قويۇلۇشى كېرەكلىكى پىكرىدە چىڭ تۇردى.»
«‹The Peninsula Qatar› گېزىتى»، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنىڭ پۇتىن بىلەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشۈش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ يازدى:
«زېلېنسكىي تۈركىيەدە پۇتىن بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش تەكلىپى سۇنماقتا.»
جەنۇبىي ئافرىقانىڭ بىر خەۋەرلەر تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى: «زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى كۈتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتىشىدىن كېيىن پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى» سەرلەۋھىسىدە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، كىيېۋ دائىرىلىرىنىڭ 2022-يىلنىڭ ئاخىرلىرى توختىتىپ قويۇلغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى قايتا باشلاش مەسىلىسىدە بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«15-ماي پەيشەنبە كۈنى، دەل ئىلگىرى توختاپ قالغان يەردە، ئىستانبۇلدا ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قويۇلماستىن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى دەرھال قايتا باشلاش تەكلىپى سۇنىمىز.»
زېلېنسكىي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەگە تولۇق ۋە دائىمىي ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى سۇنغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«دىپلوماتىيە ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاش مەقسىتىدە ئەتىدىن باشلاپ تولۇق ۋە دائىمىي ئۇرۇش توختىتىشنى كۈتىمىز.»
زېلېنسكىي 15-ماي كۈنى تۈركىيەدە پۇتىننى كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«پۇتىننى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەدە كۈتىمەن. بۇ قېتىم رۇسلارنىڭ باھانە ئىزدىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.»