ئوتتۇرا شەرقتىكى يەرشارىۋى رىقابەتكە ئالاقىدار خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدىكى بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا باشلاندى. يىغىندا سودا تورلىرىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش ۋە نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىنماقتا.
«چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ۋە ئوتتۇرا شەرق: سودا يوللىرى ۋە تورلىرىنى قايتىدىن سىزىش» تېمىسىدىكى بۇ ئىككى كۈنلۈك مۇھاكىمە يىغىنىنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت، ئاۋىستىرىيە خەلقئارا تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىنستىتۇتى، ئەلجەزىرە تەتقىقات مەركىزى، ئەنقەرەدىكى سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتى فوندى (SETA) ۋە شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە تەتقىقات مەركىزى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان.
بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا تۈركىيە، ئاۋستىرىيە، گېرمانىيە، خىتاي، رۇسىيە، ئىران، قاتار، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەدىن كەلگەن ئاكادېمىكلار، ئىستراتېگىيەچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار قاتناشماقتا.
يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى تۇنجى يىغىن باسقۇچىدا، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىمپېرىيە مىراسلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سودا يوللىرى ۋە ھىندىستان، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا سودىدىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇھاكىمە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.
ياۋروپانىڭ مەۋقەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق مەسىلىلىرىمۇ كۈنتەرتىپنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.
يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە بولسا، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىستراتېگىيەلىك سەپ تۈزەش، رايونلۇق تىرىشچانلىقلار ۋە يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەلەر، دۇنيا ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىۋاتقان توقۇنۇشلار ۋە قاتلاملىق تۈزۈملەر بىلەن يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتقان يەرشارىۋى تەرتىپ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يىغىندا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى (BRI)، خەلقئارالىق شىمال-جەنۇب قاتناش كارىدورى (INSTC) ۋە ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى (IMEC) قاتارلىق تەڭداش سودا يوللىرى، ئېنېرگىيە كارىدورلىرى، ئۆزگىرىشلەر ۋە رايونلۇق ھەمكارلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.