ترامپ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى «ناھايىتى ياخشى بولدى» دەپ ئاتاپ، تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇملارنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا سىگنال بەردى.
ترامپ جۈمە كۈنى «‹ABC News› تېلېۋىزىيە قانىلى» بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ھۇجۇملار ناھايىتى ياخشى بولدى، بىز ئۇلارغا (ئىرانغا) پۇرسەت بەردۇق، لېكىن ئۇلار بۇنىڭ قەدرىنى بىلمىدى. نەتىجىدە ئۇلار ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئەجەللىك زەربە يېدى. بۇنىڭ داۋامى كېلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇملار كېلىدۇ.»
ترامپ ئامېرىكانىڭ ھۇجۇمغا بىۋاسىتە قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا قارىتا: «بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىشنى خالىمايمەن» دېدى.

«ئىران كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك»
ترامپ ئىراننى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كېتىشتىن بۇرۇن چوقۇم كېلىشىم تۈزۈشى ۋە بىر چاغلاردىكى ئىران ئىمپېرىيەسى دەپ ئاتالغان نەرسىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى كېرەك.»
ئۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدىكى ئۇچۇرىدا (ئىرانغا خىتاب قىلىپ) مۇنداق دېدى:
«ئەمدى ئۆلۈم يوق، ئەمدى ۋەيرانچىلىق يوق. ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىشتىن بۇرۇن، پەقەت زىممىڭىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىڭىزنى ئىجرا قىلىڭ.»
ترامپ ئىرانغا دىپلوماتىك پۇرسەت بەرگەنلىكىنى، لېكىن تېھراننىڭ بۇنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا شۇنچە يېقىنلاشقان بولسىمۇ، لېكىن نېمىشقىكىن مۇۋەپپەق بولالمىدى.»
ئۇ، ئىران دائىرىلىرىگە، ۋەزىيەتنىڭ ئۇلار بىلگەن، ئويلىغان ياكى ئۇلارغا ئېيتىلغاندىنمۇ بەكرەك يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە ئامېرىكانىڭ «دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ۋە ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي ئۈسكۈنىلىرى» نى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ «مۇھىم بىر قىسمى» غا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.