سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگلىيە پۇقراسى 10 كىشى غەززەدە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئەنگلىيەدە تەييارلانغان بىر دوكلات ئەنگلىيە پۇقراسى 10 گۇماندارىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان «ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر»گە ئارىلاشقانلىقىغا ئالاقىدار پاكىتلارنى ئېلان قىلدى.
ئەنگلىيە پۇقراسى 10 كىشى غەززەدە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى
Mansfield pointed out the importance of standing up as Israeli pressure continues on the International Criminal Court (ICC), adding the UK should be lending support to the ICC. / Reuters
April 8, 2025

ئەنگلىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ھوقۇقشۇناس ۋە قانۇن تەتقىقاتچىلىرى گۇرۇپپىسى بىرىتانىيە پۇقراسى 10 كىشىنىڭ مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەدە ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلىي دوكلاتىنى لوندون ساقچى ئىدارىسىغا تاپشۇردى.

ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،240  بەتلىك دوكلات دۈشەنبە كۈنى ئەنگلىيە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى داڭلىق قانۇنشۇناس مايكل مەنسفىلد ۋە لاھەيدە ۋەزىپە ئۆتىگەن تەتقىقاتچىلار گۇرۇپپىسىدىن تەرىپىدىن شەھەرنىڭ مېتروپولىتېن تېررورلۇققا قارشى ساقچى ئىدارىسى قارمىقىدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلانغان.

بۇ مۇراجىئەتنامە غەززەدىكى ۋە ئەنگلىيەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ۋەكىلى بولغان «پەلەستىن كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» بىلەن ئەنگلىيەدىكى «جامائەت مەنپەئەتى ھوقۇق مەركىزى» (PILC) نامىدىن سۇنۇلدى.

بۇ  مۇشۇ ساھەدە تەييارلانغان تۇنجى دوكلات بولۇپ، ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ غەززەدە سادىر قىلىنغان ئېغىر جىنايەتلەرگە ئارىلاشقانلىقىنى كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ، كۈچلۈك پاكىتلارنى سۇنغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

دوكلاتتا 10 ئەنگلىيەلىك گۇماندارىنىڭ كىملىكلىرى ئېنىقلىنىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان «ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر»گە قاتناشقانلىقى ھەققىدىكى دەلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دوكلاتتا ئالاھىدە قولغا ئېلىش بۇيرۇقلىرىنىڭ چىقىرىلىشى ۋە گۇماندارلارنىڭ ئەنگلىيە سوت مەھكىمىلىرىدە سوتلىنىشى تەلەپ قىلىندى.

دوكلات پەلەستىندە سادىر قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىرىنى قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان «گلوبال 195» ناملىق قانۇن ئىتتىپاقنىڭ خەلقئارالىق چاقىرىقىغا جاۋابەن تەييارلاندى.

ئۆلتۈرۈش سالاھىيىتى

مەزكۇر قانۇن گۇرۇپپىسى دوكلاتنى تاپشۇرۇشتىن ئىلگىرى شوتلاندىيە سوت مەھكىمىسىىنىڭ سىرتىدا مۇخبىرلار بىلەن سۆزلەشتى. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ قانۇن ئىشلىرى دىرېكتورى پاۋېل خېرون دوكلاتنىڭ ئالتە ئايغا سوزۇلغان كەڭ كۆلەملىك دەلىل توپلاش خىزمەتلىرىگە ئاساسلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مېتروپولىتېن ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرى بۆلۈمىدە قىلغان مۇراجىئىتىمىزدە، تولۇق ۋە تېز سۈرئەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ۋە جىنايى ئىش قوزغاشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خېرون مەزكۇر ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئادەم ئۆلتۈرۈش، قەستەن قىيىنچىلىقلارغا سەۋەب بولۇش، غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى ئېغىر يارىلاندۇرۇش، پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش، مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، سۈرگۈن قىلىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارىتا ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كوللېتكىپ يوقىتىش جىنايەتلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزئارا ئوق چىقىرىشنى توختىتىشتىن كېيىن، ھۇجۇملىرىنى قايتىدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقىنىغا 14 بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن خېرون: «بۇ مۇراجىئەت بۇنىڭدىنمۇ مۇۋاپىق ۋاقىتقا توغرا كەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى» دېدى.

پەلەستىن كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ دىرېكتورى راجى سۇرانى غەززەنىڭ نۆۋەتتە بومباردىمان قىلىش، ئۆلتۈرۈش ۋە قىرغىنچىلىق قاتارلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يېقىنقى 18 ئايدىن بېرى قىرغىنچىلىقنىڭ نەق مەيداندىن تارقىتىلىشى ھەقىقەتەنمۇ نومۇس قىلارلىق ئىش» دېدى.

ئۇ يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۆزىنى قوغداش دەپ ئېنىقلىما بېرىشنىڭ «پەلەستىنلىك پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈشكە رۇخسەت بېرىش» دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپانى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا جىنايەت شېرىكچىلىكى قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن سۇرانى، ئىسرائىلىيەگە ھېلىھەم قورال ئەۋەتىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «مېنىڭچە، ئەنگلىيە تەپتىش باشلىقى (ستېفېن پاركىنسون) غەززەدە بۇ ۋەقەلەرگە ئەمەلىي ئارىلاشقان بىرىتانىيە پۇقرالىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلىشى ۋە ئۇلارنى ئەيىبلىشى كېرەك بولغان كىشىدۇر» دېدى.

ئەمما، ئەنگلىيەنىڭ ئىسرائىلىيە تەرەپدارى ئادۋوكاتلار تەشكىلاتى (UKLFI) بۇ دوكلاتقا «پەقەت تەشۋىقات ھەرىكىتى» دەپ باھا بەردى.

ئادۋوكاتلار تەشكىلاتى ۋەكىلى جوناتان تۇرنېر بۇ دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان جىنايەتلەرنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش باشلىقى تەرىپىدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتا ئېيتىلغان ئاساسلىق ئەيىبلەشلەردىن پەرقلىق بولۇشىنىڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىسرائىلىيەنى قوللايدىغان «ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى تەشكىلاتلار مونىتورى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ قانۇن ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاننې ھېرزبېرگ، بۇ دوكلاتنىڭ ئەنگلىيەدە ياشايدىغان يەھۇدىيلارنى قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئۆزىنىڭ X تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «بۇنىڭ مەقسىتى پەقەت قانۇنىي تەشۋىش تۇغدۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بۇ ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدا خەلقئارا بۆلۈنۈش ھاسىل قىلىشنى كۆزدە تۇتىدىغان بىر ھەرىكەتنىڭ بىر پارچىسى» دېدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us