ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى بۇ ھەپتە پاكىستان بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن ئۇرۇشتا ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلگەن ياكى ئۆلمىگەنلىكىگە دائىر سوئالغا جاۋابەن: «ئۆلۈم ھادىسىلىرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى، ھەمدە بارلىق ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھىندىستانغا قايتقانلىقىنى جاكارلىدى.
پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ بىر باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستاننىڭ 5 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى، ئەمما ھىندىستان تەرەپ بۇنى جەزملەشتۈرمىگەنىدى.
شۇ كۈنى، ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۆت ھۆكۈمەت ئەمەلدارى رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستاننىڭ چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا پاكىستاننىڭ توققۇز «تېررورلۇق نىشانى» غا زبەربە بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىشىدىن بىرنەچچە سائەت كېيىن، ئۈچ ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ فېدېراتسىيە رايونىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
يەكشەنبە كۈنى، پاكىستان بىلەن ھىندىستان بىر-بىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ بىرنەچچە سائەت كېيىن، يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئىككى رەقىب دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئايان بولدى.
ئۇدا 4 كۈن داۋاملاشقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇچقۇ ۋە مىنامىيوت ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، شەنبە كۈنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى.
بۇ ھۇجۇملار كەم دېگەندە 60 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە، مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئۆي – ماكانسىز قېلىشىغا سەۋەب بولدى. دەرۋەقە، بۇ ھۇجۇملار 1999-يىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى توقۇنۇشتىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلار دەپ ئاتالدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كۈتۈلمىگەندە «پۈتۈنلەي ۋە دەرھال» توقۇنۇشنى توختىتىش قارارىنىڭ ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە «ئۇزۇن بىر كېچىدىن كېيىن» چىقىرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.