ئافرىقا ئىتتىپاقى چارشەنبە كۈنى ئۇرۇشتا خاراب بولغان سۇداندا پاراللېل بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ، تەخمىنەن ئىككى يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش نەتىجىسىدە خاراب بولغان بۇ دۆلەتنى پارچىلىنىش گىردابىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تېز ياردەم كۈچلىرى بىلەن مۇنتىزىم سۇدان ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئون مىڭلىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈمى ۋە 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆي – ماكانسىز قېلىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ ئەھۋال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئافرىقا قىتئەسىدىكى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىنسانىي كىرىزىس» دەپ ئاتالدى.
تېز ياردەم كۈچلىرىنىڭ سۇدان ئارمىيەسىگە قوشۇلۇشى توغرىسىدىكى كېلىشمەسلىكلەر بىلەن باشلانغان ئۇرۇش، بۇ دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. سۇدان ئارمىيەسى نۆۋەتتە شەرقىي ۋە شىمالىي سۇداننى كونترول قىلماقتا، تېز ياردەم كۈچلىرى بولسا پۈتكۈل غەربىي دارفۇر ۋە جەنۇبنىڭ بەزى قىسىملىرىنى كونتىرول قىلماقتا.
ئالدىنقى ئايدا تېز ياردەم كۈچلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىرى نايروبىدا پاراللېل بىر «ھۆكۈمەت قۇرۇش ھۆججىتى» گە ئىمزا قويدى.

The United Nations needs more than 40 percent from last year's budget to combat famine, displacement, sexual violence and deaths while a civil war rages and the Trump administration pauses international spending.
ئافرىقا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنى ئەيىبلىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«بۇنداق بىر ھەرىكەت سۇداننىڭ بۆلۈنۈش خەۋپىنى تۇغدۇرىدۇ.»
AFP تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھۆججەتتە، ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ ئىسيانچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا «تىنچلىق ۋە بىرلىك ھۆكۈمىتى» قۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدا، تېز ياردەم كۈچلىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى، يەنە نايروبىدا «ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن» غا ئىمزا قويدى.
ئافرىقا ئىتتىپاقى بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى «سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زېمىنلىرى ياكى ئورگانلىرىنى پارچىلاشنى ۋە باشقۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق ھۆكۈمەت ياكى پاراللېل ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلماسلىق» قا چاقىردى.
ئافرىقا ئىتتىپاقى يەنە «سۇدان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاتالمىش ھۆكۈمەت ياكى پاراللېل ھاكىمىيەتنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقى» نىمۇ جاكارلىدى.
سەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ، پاراللېل ھۆكۈمەتنىڭ سۇدان خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئارزۇ – ئىستەكلىرىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى جاكارلىدى.
بۇ بايانات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

Doctors Without Borders says the "impossibility" of sending equipment and staff left them with no choice.