دۇنيا مىقياسىدىكى ئادۋوكاتلار ئىسرائىلىيەلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
ئوچېرىك
5 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا مىقياسىدىكى ئادۋوكاتلار ئىسرائىلىيەلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتىدۇنيا مىقياسىدىكى ئادۋوكاتلار دۇنيا سوت مەھكىمىلىرىدە «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ۋە باشقا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى» نى سوتلاش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورناتماقتا.
غەززە رايونىنىڭ ھەممە يېرىدە «كەڭ كۆلەملىك» ھاۋا ھۇجۇمى قىلغاندىن كېيىن، ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان پەلەستىنلىكلەر (بالىلار ۋە ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) غەززەنىڭ خان يۇنىس شەھىرىدىكى ئەل-ناسسەر دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلمەكتە / AA
21. März 2025

يېڭى ئېلان قىلىنغان يەر شارى خاراكتېرلىك 195 ھەرىكىتى دۇنيا مىقياسىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەمكارلىق ھەرىكىتى بولۇپ، مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەدە ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىسرائىلىيەلىك ھەربىيلەر ۋە پۇقرالارنى كۆزىتىشنى نىشان قىلماقتا.

135 كۆزەتچىلەر سەھىپىسى ۋە ئوچۇق مەنبە ئاخباراتى (OSINT) بىلەن قوراللانغان خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تەشكىلاتلاردىن تەشكىل تاپقان ھەمكارلىق ھەرىكىتى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىسرائىلىيە ھەربىي دائىرىلىرىنى، ياش ئوفىتسېرلارنى، ھەم ئىسرائىلىيە ھەم باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقراسى بولغان ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى غەززەدە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى تۈپەيلى دۇنيا سوت مەھكىمىلىرىدە سوتلاشنى پىلانلىماقتا.

پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن خەلقئارا ئادالەت مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن خەلقئارا ئادالەت مەركىزى (ICJP) ئادۋوكاتلار، سىياسەتچىلەر ۋە ئاكادېمىكلاردىن تەشكىل تاپقان مۇستەقىل تەشكىلات بولغان يەر شارى خاراكتېرلىك 195 ھەرىكىتى قۇرۇلغانلىقىنى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلدى. بۇ مەركەز دۇنيا مىقياسىدىكى قانۇنىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن شەخسلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق قانۇنىي مېخانىزملاردىن پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بۇ ھەرىكەت يەنە كۆپلىگەن سوت مەھكىمىلىرىدە ئالاھىدە تۇتۇش بۇيرۇقلىرىنىڭ چىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ۋە ئەيىبلەنگەنلەرگە قارشى قانۇنىي باسقۇچنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش يولىدا خىزمەت ئىشلەيدۇ.»

پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن خەلقئارا ئادالەت مەركىزى بۇ مەركەزگە ۋەكىللىك قىلىنىدىغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ مالايشىيا، تۈركىيە، نورۋېگىيە، كانادا، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە  يەر شارى خاراكتېرلىك 195 ھەرىكىتىنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان جاۋابكارلارنى سوتلاشتا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەرنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداقلا يەر شارى خاراكتېرلىك 195 ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي - سىياسىي رەھبەرلىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەتچىلەردىن تارتىپ ھەربىي دائىرىلەرگە قەدەر جاۋابكارلارنى كۆزىتىش ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن خەلقئارا ئادالەت مەركىزىنىڭ باياناتىدا، ئەنگلىيەدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سېپىگە قېتىلىش ياكى غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئەنگلىيە پۇقرالىرىنى قانۇنىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالدىنئالا تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلەنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن خەلقئارا ئادالەت مەركىزىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ دىرېكتورى تايياب ئەلى مۇنداق دېدى:  

«خەلقئارا قانۇن ئورگانلىرىنىڭ پەلەستىندە ئۇرۇش جىنايەتلىرى سادىر قىلغان شەخسلەرنى تەقىب قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىنىشى، ھەمدە ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇق ۋە دۇنياۋى  ھۆكۈم چىقىرىش پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىشتەك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلماسلىقى  ئىسرائىلىيە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ جازاسىز قېلىشىغا يول ئاچتى.

خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە سوتلاش مەجبۇرىيىتى بار، بىراق بۇ مەجبۇرىيەتلەر كۆپ ھاللاردا نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىلمەكتە. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يەر شارى خاراكتېرلىك 195 ھەرىكىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بۇ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكنى تۈزىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قانۇنىي تەشەببۇستۇر.

كۆپلىگەن سوت مەھكىمىلىرىدە دۆلەتلىك قانۇنىي مېخانىزملارنى پائال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق غەززەدە سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىق بىلەن يۈزلىشىشىكە كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز. ئەمدى بۇ جاۋابكارلار يوشۇرۇنىدىغان جاي تاپالمايدۇ.»

خەلقئارا قانۇننىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكى

 

دۇنيا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەيىن دىشلى جەمئىيەتنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك 195 ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەدە ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇلۇشىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ جازاسىزلىقىنى يوق قىلىشتا مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«پەلەستىننىڭ دەۋاسى خەلقئارا قانۇندا ‹قانۇنىي جەھەتتىن تۆۋەن دەرىجىلىكلىك› نى تەمسىل قىلىدۇ — نەزەرىيە جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنغان ھەق - ھوقۇقلار ئەمەلىيەتتە رەت قىلىنماقتا —  ھالبۇكى، زىيونىستلار پەرۋاسىزلارچە جىنايەت سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ سوت مەھكىمىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىرى ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقلىرىنى چىقارمىدى، بۇ بولسا خەلقئارا قانۇننىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.»

مالايشىيالىق ئادۋوكات ۋە دوكلاتچى ئاۋاڭ ئارمادايايا بىن ئاۋاڭ مەھمۇد، پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن خەلقئارا ئادالەت مەركىزىنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە دائىر كۈچلۈك دەلىل - ئىسپاتلارنى توپلىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە دۆلىتى مالايشىيانى ئىسرائىلىيەلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلارنى سوتلاش ئۈچۈن دۆلەتلەر ئارا قانۇنىي ۋە دىپلوماتىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

ئۇ  مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭدىن باشقا يەنە، چېگرا كونترولى، چەكلىمىلەر، مال-مۈلۈكلەرنى توڭلىتىپ قويۇش ۋە ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپلەرنى سۇندۇق.»

2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىسرائىلىيە كۆپىنچىسى ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن قورال - ياراغلار ۋە سىياسىي قوللاش نەتىجىسىدە غەززەدە 62 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، 115 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى ۋە مىليونلىغان كىشىنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقاردى. ھازىر ئۇلار (پەلەستىنلىكلەر) 1948-يىلدىكىگە ئوخشاش يەنە بىر «نەقبە» (ھالاكەت) كە دۇچ كەلمەكتە. چۈنكى ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا غەززەدىكى بارلىق پەلەستىنلىكلەرنى ئېتنىك جەھەتتىن تازىلاشنى پىلانلىماقتا.

 18 ئايلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى

 ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئەسەبىي ئوڭچىل ھاكىمىيىتىنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن مەھەللىلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى، ئاممىۋى مازارلارنى ئاچتى، قەبرىستانلىقلارنى يوق قىلدى، دۇكان ۋە سودا سارايلىرى – ئىش ئورۇنلىرىنى بومباردىمان قىلدى، دوختۇرخانىلار ۋە مۇردىخانىلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى، تانكا ۋە توپا ئىتتىرىش ماشىنىلىرىنى ئۆلۈكلەرنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكۈزدى، تۇتقۇن پەلەستىنلىكلەرنى ئىتلار ۋە توك بىلەن قىيىن-قىستاققا ئالدى، تۇتقۇنلارنى ساختا ئۆلۈم جازالىرىغا دۇچار قىلدى ۋە كۆپلىگەن ئايال پەلەستىنلىكلەرگە باسقۇنچىلىق قىلدى.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدا يىرگىنچلىك قىلىقلارنى قىلغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززەدىكى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ بالىلىرىنىڭ باشلىرى بىلەن پۇتبول ئوينىغانلىقى بىلەن ماختىنىپ پەلەستىنلىكلەرنى مەسخىر قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى يۈزلىگەن ۋىدېيولارنى نەق مەيداندىن تارقاتتى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى، بالىلارنىڭ كارىۋاتلىرىنى ۋەيران قىلدى، ئۆيلەرگە ئوت قويدى، ھەمدە  كۈلۈپ، يۇرتىدىن قوغلانغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىچ كىيىملىرى بىلەن ئوينىدى ۋە بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى ئوغرىلىدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىننى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا سان - ساناقسىز بوۋاقلار، سەھىيە خادىملىرى، تەنھەرىكەتچىلەر ۋە مۇخبىرلارنى ئۆلتۈردى — بۇ، مۇشۇ ئەسىردىكى ھەرقانداق ئۇرۇشتا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار دەپ قارالماقتا.

پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، قۇربانلارنىڭ تەخمىنەن %70 ى ئاياللار ۋە بالىلار ئىكەن. ئىسرائىلىيە تەخمىنەن 18 مىڭ پەلەستىنلىك بالا ۋە بوۋاقنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، بۇ كۆپلىگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىنمۇ ئىسپاتلانغان.

100 دەك ئامېرىكالىق دوختۇرلاردىن تەشكىل تاپقان ۋە غەززەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بىر گۇرۇپپىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئىسرائىلىيە 2024 – يىلى ئۆكتەبىر ئېيىغىچە 118 مىڭ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن.

ئەنگلىيەنىڭ تىببىي ژۇرنىلى «The Lancet» دوكلاتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 2024-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە 180 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

19-يانۋار كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزغان ئىسرائىلىيە سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يۇرتىدىن قوغلانغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېدىرلىرى ۋە ئۆيلىرىنى قارا - قويۇق ۋەيران قىلىش مەقسىتىدە ھۇجۇم قوزغىغان، بۇ جەرياندا 400 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن، تەخمىنەن 700 كىشىنى يارىلاندۇرغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى 528 كۈنلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى ھەم قاتتىق ئەيىبلەندى.

   خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملىرىنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى پەلەستىنلىكلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشلىرىنى «بىر مىللەتنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش ئۇرۇنۇشى» دەپ ئاتىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىسرائىلىيەنى غەززەدە ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى سادىر قىلىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى جەنۇبىي ئافرىقانىڭ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى تەكشۈرمەكتە. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى نېتانياھۇ ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us