گېرمانىيە ئۆكتىچى رەھبىرى فرىدرىخ مېرز خىرىستىيان دېموكراتلار (CDU/CSU) بىلەن يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن فېدېراتىپ سايلامدا، ئاۋازلارنىڭ %29 ىنى قولغا كەلتۈرۈپ، باشقا پارتىيەلەرگە قارىغاندا روشەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. گېرمانىيەنىڭ كەلگۈسى باش مىنىستىرى بولۇشقا ئىنتىلىۋاتقان مېرز، چوڭقۇر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پارچىلىنىشقا دۇچ كەلمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: «دۇنيا بىزنى كۈتۈپ توختاپ تۇرمايدۇ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت سۆھبەتلىرىنىمۇ كۈتۈپ تۇرمايدۇ. بىز ھازىر تېز ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىمىزنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى.
لېكىن، گېرمانىيەنىڭ ھازىرقى سىياسىي مۇھىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ ئىش ئاسانغا توختايدىغاندەك قىلمايدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭ دۆلەتنى بىرلەشتۈرۈش نىيىتىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا.
سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ كۆزقارىشى
گېرمانىيەدە ياشايدىغان سىياسىي پائالىيەتچى مەھمۇد ئەبۇئۇددەنىڭ قارىشىچە، مېرزنىڭ ھوقۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى بۆلۈنۈشلەردىن پايدىلىنىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «چوڭقۇر پارچىلانغان جەمئىيەتتە كۆۋرۈكلەرنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بۇ بۆلۈنۈشلەرنى ھەقىقەتەن يېڭىشنى خالىشىڭىز كېرەك. لېكىن مېرز ۋە خىرىستىيان دېموكراتلارنىڭ بۇنى خالايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن» دېدى.
ئۇ يەنە: «ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خالايدىغىنى ھوقۇقنى ساقلاپ قېلىش ۋە جەمئىيەتتىكى بۆلۈنۈشنى ئۆز پايدىسىغا خىزمەت قىلدۇرۇش» دەپ قوشۇمچە قىلدى. كۆپچىلىك بۇ ئىسىتراتېگىيەنى ئاخىرىدا گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ (AfD) پارتىيەسىگە ئەڭ كۆپ پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىنماقتا. ئەبۇئۇددە بۇنى ئىزاھلاپ: «جەمئىيەتنىڭ مۇھىم مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە بۆلۈنۈشى، گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ پارتىيەسىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى بولۇپ، خىرىستىيان دېموكراتلار بۇ مۇھىتتىن پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا» دېدى.
ئەڭ ياقتۇرۇلمايدىغان باش مىنىستىر نامزاتىمۇ؟
69 ياشلىق سىياسىيون مېرز، ئانگېلا مېركېل سىياسەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، 2022-يىلى ئوڭچى خىرىستىيان دېموكراتلار (CDU) نىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. بىراق، مېرزنىڭ مېركېلنىڭ بۆلۈنۈشلەرنى يېڭىپ، كەڭ قوللاشقا ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن خاتىرجەم ۋە مۇرەسسەچى رەھبەرلىك ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدىغان خاراكتېرى، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قارشىلىشىش ئۇسلۇبى ۋە جەمئىيەتنى پارچىلايدىغان قاراشلىرى ئۇنى گېرمانىيەدىكى ئەڭ ئاز ياقتۇرۇلىدىغان باش مىنىستىر نامزاتلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردى.
ئۇنىڭ ئاممىا تەرىپىدىن ياقتۇرۇلۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەن. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان Ipsos سايلىغۇچىلار ئەلرايىدا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت %21 ئەر ۋە %15 ئايال ئۇنى باش مىنىستىرلىققا لايىق دەپ قارايدىكەن. ياش سايلىغۇچىلارنىڭ قوللاش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ئاران %13 ئىكەن.
ئەبۇئۇددە داۋاملاشتۇرۇپ: «مېرز ھېچقاچان ئاممىباب سىياسىيون بولۇپ باقمىدى ۋە ھازىرمۇ ئۇنداق ئەمەس. مەن ئۇنىڭ جەمئىيەتتە ياخشى كۆرۈلىدىغان شەخسكە ئايلىنىشىنى كۈتمەيمەن. نۇرغۇن سايلىغۇچىلار ئۇنى شەخسەن قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ پارتىيەسىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقچىلىقى ۋە ئوڭچى ئىپتىدائىي مەيدانىغا بولغان نەپرىتى سەۋەبىدىن تاللىدى.» دېدى.
ئۇ يەنە: «گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ پارتىيەسى ئېنىقكى ھەقىقەتەن ئىرقچى ۋە ناتسىزىمغا ئوخشايدۇ. مېرز بولسا، ئۆزىنى قاتتىق مۇھاپىزەتچى قىلىپ كۆرسەتسىمۇ، ئاشقۇن دەرىجىدە ئەمەس» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
بۆلۈنۈپ كەتكەن سايلىغۇچىلارنى باشقۇرۇش
سايلام نەتىجىلىرى پارچىلانغان سىياسىي مەنزىرىنى گەۋدىلەندۈردى. ئاشقۇن ئوڭچىل گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ پارتىيەسى فېدېراتىپ سايلامدا تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، %20.8 لىك بېلەت بىلەن ئىككىنچى ئورۇنغا چىقتى ۋە بۇرۇنقى ئاۋاز نىسبىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى ھەسسىگە ئاشۇردى.
ھازىرقى باش مىنىستىر ئولاف شولزنىڭ سولچىل سوتسىيال دېموكرات پارتىيەسى (SPD) تارىخىي مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئاۋاز نىسبىتى %16.4 كە چۈشۈپ، 1949-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بولدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بائېربوكنىڭ يېشىللار پارتىيەسى %11.6 بىلەن تۆتىنچى، سول پارتىيە %8.8 بىلەن بۇرۇنقى سايلامدىكى بېلەت سانىنى %3.9 ئاشۇردى.
ئەبۇئۇددەنىڭ قارىشىچە، بۇ سايلام گېرمانىيەدە كۆرۈلگەن ئەڭ ئوڭچىل پارلامېنتلارنىڭ بىرىنى شەكىللەندۈردى. ئۇ: «ھېچقانداق پارتىيە ئاتالمىش يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش تەكلىپنى تەستىقلىمىدى، بۇ تەكلىپ ئېنىقكى ئىرقچى بولۇپ، پەلەستىن دەۋاسى ۋە كۆچمەنلەرنى زەربە ئوبيېكتى قىلىدۇ» دېدى.
ھېچبىر پارتىيە روشەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمىگەن بۇ ئەھۋالدا، مېرزنىڭ بىرىنچى قىيىنچىلىقى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش بولىدۇ. خىرىستىيان دېموكراتلار 208ئورۇن، گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ پارتىيەسى 152، سوتسىيال دېموكرات پارتىيەسى 120، يېشىللار 85 ۋە سول پارتىيە 62 ئورۇنغا ئېرىشتى. بۇندېستاگدا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەم دېگەندە 316 ئورۇنغا ئىگە بولۇش زۆرۈر بولۇپ، بۇ بىر پارتىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقىدۇ.
سوتسىيال دېموكرات پارتىيەسى بىلەن قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت خىرىستىيان دېموكراتلارغا 328 ئورۇن، يېشىللار بىلەن ئۈچ تەرەپلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت بولسا، 413 ئورۇن بېرىدۇ.
گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ پارتىيەسىگە قانداق قارايسىز؟
مېرزنىڭ ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىقلىرىدىن بىرى، ئاشقۇن ئوڭچىل گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ پارتىيەسىنىڭ كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بولىدۇ، لېكىن بەزىلەر بۇنىڭ ئۇنىڭ مەقسىتى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
مېرز گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ پارتىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن كۆچمەنلەرگە قارشى قانۇن لايىھەلىرىنى پارلامېنتقا سۇندى. بىراق، مېرزنىڭ ئاشقۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىش خەۋپى تەتۈر نەتىجە بەردى، چۈنكى بۇ قانۇن خىرىستىيان دېموكراتلار بىرلەشمىسىدىن ئون نەچچە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ پارتىيەسىدىن ئايرىلىپ، قانۇننى قوللىماسلىقنى تاللىشى بىلەن رەت قىلىندى.
بۇ ھەرىكەت دۆلەت مىقياسىدا نارازىلىق قوزغىدى؛ ئون مىڭلارچە كىشى مېرزنى ئاشقۇن ئوڭچىل سىياسەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى مۇرەسسەنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلگەن مېرز، بىر قەدەم كەينىگە چېكىنىپ، خىرىستىيان دېموكراتلارنىڭ گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ پارتىيەسى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقى ۋە سايلامدىن كېيىن سۆھبەت ئېلىپ بارمايدىغانلىقى توغرىسىدا جەمئىيەتكە ۋەدە بەردى.
يۈز مىڭلارچە كىشى گېرمانىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىلىرىغا قارشى نامايىش قىلماقتا
ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى قوللىماقتا
كونسېرۋاتىپ رەھبەر يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسى بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى گېرمانىيەنىڭ «دۆلەت مەنپەئەتى» نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىر نەچچە قېتىم تەكىتلىدى.
ئۇ بېرلىندىكى ئەڭ ئاخىرقى نۇتقىدا: «مېنىڭ رەھبەرلىكىمدىكى ھۆكۈمەت، ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىدۇ. ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي ئېكسپورت چەكلىمىسىنى دەرھال بىكار قىلىمەن» دېدى.
مېرزنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرۇش» دېگەن ئاتالمىش كۆچمەنلەرگە قارشى سىياسەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، پەلەستىننى قوللايدىغان كۆزقاراشلار باستۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.
ئەبۇئۇددە: «مېرز مېنىڭچە، پەلەستىنلىكلەرگە نامۇۋاپىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغان تېخىمۇ قاتتىق ساقچى قانۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئىجرا قىلىدىغان كۈچلۈك بىر زىيونىست. گېرمانىيەدىكى پەلەستىن ھەرىكىتى پەقەت ئۆزىنى قوغداش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكى، بەلكى بۇ تەدبىرلەر بۇزۇشى مۇمكىن بولغان ئاساسىي ئىنسان ھوقۇقلىرى ۋە ئاساسىي قانۇنلارنى قوغدىشى كېرەك» دېدى.
ئاشقۇن ئوڭچىل پارتىيەلەرنىڭ كۈچىيىشى گېرمانىيەدىكى تۈرك جەمئىيىتىنى ئەندىشىگە سالدى
ھېچقانداق ئىجرائىيە ئىشخانىسى ئاچمىدى
مېرز سايلام جەريانىدا باش مىنىستىر ئولاف شولزنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭ سىياسەتلىرىنى گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي توختاپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى دەپ كۆرسەتتى.
ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن مېرز كارخانىچىلار ياخشى كۆرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇلار قاتارىدا شىركەت باجلىرىنى تۆۋەنلىتىش، باھاسى مۇۋاپىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ۋە بىيۇروكراتىيەنى ئازايتىش قاتارلىقلار بار.
بىراق، ئەبۇئۇددەنىڭ قارىشىچە، مېرز ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىدۇ ۋە بۇ قەدەمنىڭ ئىشچىلار ۋە ئىجتىمائىي سىستېمىغا زىيانغا ئۇچرىتىش ئېھتىمالى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ياردەملەرنى قىسقارتىدىغان، ئىشچىلار ھوقۇقىنى زەئىپلەشتۈرىدىغان ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى ئاجىزلىتىدىغان قانۇنلارنى ئىجرا قىلىشى كۈتۈلمەكتە. يەنە تەرەققىيپەرۋەرلەرنى زەربە ئوبيېكتى قىلىپ، گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ پارتىيەسى ۋە تېخىمۇ ئوڭچى كۈچلەرنىڭ ھوقۇق توتۇشىنىڭ يولىنى ئاچىدۇ» دېدى.
مېرزنىڭ 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە BlackRock گېرمانىيەنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلى ئالاھىدە بەس-مۇنازىرە قىلىنىشى كېرەك؛ سولچىل ئېقىمدىكى سىياسىيونلار، ئۇنىڭ كۆپ دۆلەتلىك شىركەتلەر ۋە مالىيە ساھەسى بىلەن بولغان چوڭقۇر مۇناسىۋىتىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى لوبىچى گۇرۇھلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىغا سەۋەب بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئانالىزچىلار يەنە، مېرزنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارىدىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. ئۇزۇن يىللىق سىياسىي تەجرىبىسى ۋە سودا ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارىماي، مېرز نە ئىشتات رەھبىرى، نە فېدېراتىپ كابىنېت مىنىستىرى دېگەندەك ئىجرائىيە ۋەزىپىسىنى پەقەتلا ئۆتەپ باقمىدى.
كۆچمەنلەرگە قارشى سىياسەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر
كۆپچىلىك چوڭ پارتىيەلەر كۆچمەنلەرگە قارشى سىياسەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان بۈگۈننىڭ گېرمانىيەسىدىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىي جەھەتتە ۋەكىللىك ئورنىغا ئىگە بولالمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا.
ئەبۇئۇددە: «مېرز، گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن كىشىلەر قورقىدىغان ھەممە نەرسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، لېكىن ھەقىقىي تاللاش يوق. بىزگە ھەقىقىي مەنىدە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر پارتىيە بولمىدى؛ پەقەت سول پارتىيەدىن گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ پارتىيەسىگىچە بولغان كۆچمەنلەرگە قارشى بىر گۇرۇھ بار» دېدى.
ئۇ يەنە: «بىز قىيىن بىر مەزگىلگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، لېكىن نۇرغۇن جەھەتتىن، بۇ بىزنىڭ ئاللىبۇرۇن ياشاۋاتقانلىرىمىزنىڭ داۋامى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.