تۈركىيە كىرىزىس رايونلىرىغا قاراپ يولغا چىققان ۋە ئۇكرائىنا ئاشلىقى قاچىلانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياردەم پاراخوتىنى قارشى ئالدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ دۇنياۋى ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە، لىۋان بايرىقى ئاستىدا ئۇكرائىنادىن 20 مىڭ توننا بۇغداي قاچىلانغان «Brave Commander» ناملىق پاراخوت سامسۇنغا يېتىپ كەلدى.
ئۇكرائىنادىن 20 مىڭ توننا بۇغداي قاچىلانغان بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پاراخوتى سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسى (WFP) نىڭ تەشەببۇسى دائىرىسىدە سامسۇننىڭ توروس پورتىغا يېتىپ كەلدى.
لىۋان بايرىقى ئاستىدىكى «Brave Commander» ناملىق پاراخوت پەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ تۈركىيە ئىشخانىسى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، سامسۇن ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.
سامسۇن مۇئاۋىن ۋالىيسى كەمال يىلدىز ئاشلىق توشۇش خىزمىتىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق ۋىجدان ۋە ھەمدەردلىكنىڭ سىمۋولى دەپ ئاتىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنى كۈتۈۋېلىشتىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىز، تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىغا ئاشلىق يەتكۈزۈشتە يېتەكچى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاشلىق توشۇش خىزمىتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ بۇ پائالىيەتلەرگە ئىختىيارىي يوسۇندا ناھايىتى زور تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسى تۈركىيە ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى ستېفېن كاھىل، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈن بىز دۇنياۋى ئاچارچىلىقىنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقلىرىمىز دائىرىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئۆتكەل بولغان سامسۇن پورتىدا تۇرۇۋاتىمىز. <Brave Commander> ناملىق پاراخوتنى بۈگۈن بۇ يەردە قارشى ئېلىۋاتىمىز؛ بۇ، خەلقئارا ھەمدەردلىكىمىز ۋە تېز سۈرئەتلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىمىزنىڭ سىمۋولىدۇر.»
تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى ئاشلىق تەقسىماتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رولى
كاھىل 2022-يىلى قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى خىزمىتى باشلانغاندا، ئۇكرائىنادىن «Brave Commander» ناملىق پاراخوتقا تۇنجى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يۈكى يۈكلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى مەسىلىسىدە ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىرادىسىنىڭ تۈرتكىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئاشلىققا ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ بولسا بىزنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.»
ئۇ، سامسۇن ۋالىي مەھكىمىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە ئاشلىق ئىئانە قىلغۇچى دۆلەتلەرگە كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ئېيتتى.
كاھىل تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى ئاشلىق تەقسىماتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ ئاخىرقى بەش يىل ئىچىدە تۈركىيەدىن 1 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق ئاشلىق سېتىۋالغانلىقىنى ۋە بۇ ئاشلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سۈپىتىدە تەقسىم قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ، پاراخوتتىن يۆتكەلگەن 20 مىڭ توننا بۇغداينىڭ 5 مىڭ توننىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ سۈرىيەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«بۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ دائىرىسىنىڭ نۇرغۇن ساھەلەرگىچە كېڭەيگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ بەردى. بۇ يەردە بىز ھەم سۈرىيە مۇساپىرلىرى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز ھەم دۇنيا مىقياسىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز.»
دۇنياۋى ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەش تىرىشچانلىقلىرى
كاھىل سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى:
«تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۈگۈن ئەتراپىمىزدىكى ۋەقەلەرگە قارايدىغان بولساق، ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە پارچىلىنىپ كەتكەن بىر دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى كۆرىمىز؛ غەززەدە، سۇداندا ۋە يەمەندە قانداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىىمىز. بۇمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.
دەرۋەقە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى ھەمدەردلىك چاقىرىقىدۇر، ھەممە تەرەپلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇشى ئۈچۈن بىر چاقىرىقتۇر. بۇ، رايوندا پارچىلىنىش كۆرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، تۈركىيەنىڭ بۇ رايوندا تىنچلىق ۋاسىتىچىسى بولالايدىغان يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن قىلىنغان چاقىرىقتۇر.
ئەمما بۇ، تۈركىيە يالغۇز ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىشى ئەمەس، ئەلۋەتتە. قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى تەشەببۇسىغا نۇرغۇن ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشقانلىقىنى كۆردۇق، كېلەچەك ئۈچۈن ھازىر بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجىمىز بار، بولۇپمۇ بۈگۈنكى دۇنيادا بۇ پارچىلىنىشنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ زورىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، پۈتكۈل دۇنيانىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھەمدەردلىكنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن بىر چاقىرىقتۇر.»
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئىقتىساد ئىشلىرى باش دىرېكتورى باش ئەلچى ئايلىن سەكىزكۆك، دۇنيا مىقياسىدا ئاشلىق كىرىزىسىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىنى، 840 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«840 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ئاچارچىلىققا دۇچ كېلىشى ھەقىقەتەنمۇ قورقۇچلۇق ئەھۋال.»
سەكىزكۆك تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى، يېزا ئىگىلىكى ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى موھتاجلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش ۋە سىجىل تەرەققىيات جەھەتتىكى تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى ئورتاقلىشىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدى.