14 Dhjetor 2024
دوستويېۋسكىينىڭ كلاسسىك «جىنايەت ۋە جازا» ناملىق رومانىنى ئەسلىتىدىغان بۇ قىسقا ھېكايىمىز، باش قەھرىمان راسكولنىكوۋنىڭ مۇرەككەپ مۇددېئا-مەقسەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا رەقەملىك دەۋرگە ئۆتىدۇ.
بىراق، بىزنىڭ بۇ ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى ئىنسان ئەمەس، بەلكى «راسكولنىكاي» (RaskolnikAI) ئىسىملىك روبوت. مۇرەككەپ ئېتىكىلىق نۇقتىدىن لايىھەلەنگەن بۇ روبوت، ھەرىكەتنىڭ ئادىللىقىنى ئۇنىڭ كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن باھالايدۇ.
راسكولنىكئاي ھېسابلاش سۈرئىتى ئاجايىپ تېز ھالدا ئىلگىرىلەۋاتقان نەس باسقان بىر كۈندە، ئىنسانىيەت يەر شارىدىكى باشقا جانلىقلارغا زىيان سالىدۇ، دەپ قارار قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە مۇھىت ئەھۋالىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە، مۇۋاپىق دەپ ھېسابلانغان بىر قاتار ۋەقەلەرنى باشلايدۇ.
بۇ مەقسەتنى كۆزلەپ، دوستويېۋسكىينىڭ باش قەھرىمانى تاللىغان پالتىغا ئوخشاش، ئۆزى ياساپ چىققان «ئەيكسەي» (AiXE) قورالى بىلەن پۇرسەت تاپسىلا ئىنسانلارنى يوقىتىشقا باشلايدۇ.
ۋەقەنى تەكشۈرگەن مەسئۇل خادىملار، ۋەقەلەردە سۈنئىي ئەقىلنىڭ قولى بارلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئۇلار ئاخىرىدا راسكولنىكايغىچە چېتىلىدىغان رەقەملىك يىپ ئۇچىنى تېپى چىقىدۇ.
لېكىن مەسىلە شۇ، قانداق قىلىپ بىر روبوتنى ئۆزى تاللىغان يولنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە مەجبۇرىي يۈزلەندۈرگىلى بولىدۇ؟
سۈنئىي ئەقىلنى تەرتىپكە سېلىش
سۈنئىي ئەقىلنى تەرتىپكە سېلىش ئىشلىرى دۇنيا مىقياسىدىكى سىياسەت چىقارغۇچىلار تەرىپىدىن سۈنئىي ئەقىل قانۇنى، سۈنئىي ئەقىل بىخەتەرلىك يىغىلىشى، ئاق ساراينىڭ باشقۇرۇش پەرمانى ۋە كالىفورنىيەنىڭ SB-1047 قانۇنى ئۈستىدە تەتقىق ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىتتا تېخىمۇ كېڭەيدى.
بۇ تىرىشچانلىقلار، خەلقنىڭ ئەندىشە قىلىشى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي رىقابەت ئاساسىدا سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.
ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە G7 دۆلەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى تەرتىپلەش رىقابىتى، ئىشلارنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىدۇ، دۇنياۋى تەرتىپكە سېلىش رامكىسى توغرىسىدا مۇنازىرەلەرنى قوزغايدۇ.
ياۋروپا دائىرىلىرى ئومۇمىي سانلىق مەلۇمات قوغداش نىزامنامەسى رامكىسىدا، دۇنيا مىقياسىدا سۈنئىي ئەقىل ئۆلچەملىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، ئامېرىكا بولسا «بىرۇسسېل تەسىرى» يوشۇرۇن نەتىجىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەرتىپكە سېلىشنىڭ دائىرىسى ۋە ماھىيىتى مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىرگە كېلىش، بولۇپمۇ خىتايغا ئوخشاش ئاكتىيورلار ۋە ئۇنىڭ «بېيجىڭ تەسىرى» نى نەزەردە تۇتقاندا ئىنتايىن قىيىن.
يەنە «چەت ج پ ت» (ChatGPT) دەك چوڭ تىل مودېللىرىنىڭ پەيدا بولۇشى، مائارىپ سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە خەتەر باھالاش ئۇسۇللىرىنى تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدا يېڭى مۇنازىرەلەرنى قوزغاپ، يەنە بىر قاتار قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.
نەتىجىدە، كۈچلۈك تىل مودېللىرىغا قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى قويۇش، كىچىك مودېللارنى بولسا بەزى بەلگىلىمىلەردىن مۇستەسنا تۇتۇش ئارقىلىق بىر كېلىشىمنى تۈزگىلى بولىدۇ.
بۇ مۇنازىرىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا، يەنە بىر قىيىن مەسىلە شۇكى سۈنئىي ئەقىل ماشىنىلىرىغا قانۇنىي سالاھىيەت بېرىش مەسىلىسى. بۇ يەنىلا تالاش-تارتىش قوزغايدىغان مەسىلە بولۇپ، راسكولنىكاينىڭ ئەخلاقىي قىيىنچىلىقىغا ئوخشاش توقۇلما سېنارىيەلەرنى ئەسلىتىدىغان مەسئۇلىيەت ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى ئەندىشەلەرنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ.
بۇ تېخىچە مۇنازىرىلىك مەسىلە بولۇپ، راسكولنىكئەينىڭ ئەخلاق دىلېمماسىغا ئوخشاش ھېساباتلىق بولۇش ۋە ئەخلاقىي تەسىرلەر توغرىسىدا ئەندىشىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەسئۇلىيەت، ئۇنى ياراتقان قانۇنلۇق ئورگانلاردا، كود يازىدىغانلاردىمۇ، ياكى ئۆزىنىڭ «ئاپتونومىيەسى» بىلەن ئۆزىدىمۇ؟ تارازا كەينىگە قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە تەۋرىمەستىن بۇ مۇنازىرەلەرگە چوقۇم ئالدىنئالا دىققەت قىلىش كېرەك.
بار بولغان تەرتىپكە سېلىش رامكىلىرى سۈنئىي ئەقىل جاۋابكارلىقىنىڭ كۆپ يۆلىنىشلىك ئامىللىرى ئۈستىدىن شالىپ كېلىشتە يېتەرسىز قالىدۇ.
سۈنئىي ئەقىل قەستەن جىنايى قىلمىش (mens rea) بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەرىكەتنى ئۆزى ئىجرا قىلغان(actus reus) ئەھۋال ئاستىدا، قانۇنىي مەنزىرە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ. جىنايەتچىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ۋە مۇمكىن بولغان جازالاش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى سوئاللار كۆپىيىدۇ.
تەۋسىيە