ئۇكرائىنا تەرەپكە زېلېنسكىينىڭ رەھبەرلىك قىلىشى كۈتۈلمەكتە. رۇسىيە ھەيئىتىگە بولسا پۇتىننىڭ نۇپۇزلۇق مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋە 2022-يىلدىكى سۆھبەتلەرگە قاتناشقان سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋلادىمىر مېدىنسكىي رەھبەرلىك قىلىدۇ.
ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە 2022-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىستانبۇلدا بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.
ئۇرۇش مەزگىلىدە بىر - بىرىگە رەقىب بولغان ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئۇدا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا. لېكىن بۇ قېتىمقى سۆھبەتلەرگە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن قاتناشمايدۇ.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى پۇتىننى پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشكە چاقىرغان ئىدى. لېكىن رۇسىيە ھەيئىتى تۆۋەن دەرىجىلىك ھەيئەتتىن تەشكىل تاپىدۇ.
ئۇكرائىنانىڭ بىر ئەمەلدارى تۈركىيەدە پەيشەنبە كۈنى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا باشلىنىدىغان سۆھبەتلەرنىڭ قاچان باشلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى رەت قىلدى.
ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى ئاندرىي كوۋالېنكو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Telegram سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۆھبەتلەرنىڭ ئەتىگەن سائەت 10 دا باشلىنىشىنىڭ پىلانلانمىغانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
2022-يىلى پېۋرالدا باشلانغان ھۇجۇملاردىن بۇيان 10 مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. رۇسىيە ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمىنى بېسىۋالدى. بۇ ئۇرۇش ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.
پۇتىن ئالدىنقى ھەپتە ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ 30 كۈنلۈك شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش چاقىرىقىغا جاۋابەن، 15-ماي كۈنى ئىستانبۇلدا كۆرۈشۈش تەكلىپىنى سۇنغان ئىدى.
زېلېنسكىي بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلدى، لېكىن بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئەگەر پۇتىن سۆھبەتكە بىۋاسىتە قاتناشمىسا، بۇ ئۇنىڭ تىنچلىققا ھەقىقىي رەۋىشتە قىزىقمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئۇنىڭ ئۇرۇشى، شۇڭا ئۇ سۆھبەتلەرگە چوقۇم قاتنىشىشى كېرەك» دېدى.

NATO Secretary General Mark Rutte says Türkiye has good relations with all relevant partners and is seen as a serious mediator.
رۇسىيە ھەيئىتىگە پۇتىننىڭ نۇپۇزلۇق مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋە 2022-يىلدىكى سۆھبەتلەرگە قاتناشقان سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى ۋلادىمىر مېدىنسكىي رەھبەرلىك قىلىدۇ.
ئىلگىرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرگە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن باش مۇزاكىرەچىلەر دەپ ئاتالغان پۇتىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە كىرېمىل سارىيى دىپلوماتىيە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋ كىرېمىل ھەيئىتىنىڭ تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالمىدى.
Thursday could mark a pivotal moment in global efforts to halt Russia-Ukraine war as both sides are expected to hold direct talks in the Turkish city of Istanbul.
ياۋروپا رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
مېدىنسكىي روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ھەققىدىكى تارىخىي مىراس تەلەپلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەسىرى كۈچلۈك شەخس دەپ قارالماقتا.
قالغان ئۈچ مۇزاكىرەچىنىڭ بولسا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخائىل گالۇزىن، مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالېكساندىر فومىن ۋە رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىگور كوستيۇكوۋ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ياۋروپا رەھبەرلىرى ئىستانبۇلدىكى سۆھبەتلەردىن ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە، رۇسىيەگە تېز سۈرئەتتە يېڭى ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈش ھارپىسىدا موسكۋاغا كىمنىڭ ۋەكىللىك قىلىشىغا قاراپ ئۇكرائىنانىڭ كېيىنكى «قەدەملىرى» نى بېكىتىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ئۇكرائىنا ھەر خىل شەكىلدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار، بىز يىغىنلاردىن قورقمايمىز. ئەتە تۈركىيەگە رۇسىيەدىن كىمنىڭ كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن كۈتىمەن. ئاندىن ئۇكرائىنانىڭ قانداق قەدەملەرنى تاشلىشى كېرەكلىكىنى قارار قىلىمەن.»
رۇسىيە سۆھبەتلەردە ئۇكرائىنانىڭ ناتسىستلاردىن تازىلىنىشى ۋە قورالسىزلاندۇرۇلۇشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان توقۇنۇشنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇنداقلا رۇسىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىنلاردىن ئۇكرائىنانىڭ چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى تەكرارلىماقتا.
كىيېۋ زېمىنلىرىنىڭ رۇسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ بۇ زېمىنلارنى پەقەت دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىقلا قايتۇرۇۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا زىيارەتتە بولىدۇ. رۇبىيو چارشەنبە كۈنى تۈركىيەدە چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنىدا ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرىي سىبىگا بىلەن كۆرۈشتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى تۈركىيەدە مۇرەسسەچىلىك رولىنى ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ، ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدە ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ژۇرنالىستلارغا مۇنداق دېدى:
«مەن سۆھبەتكە قاتناشمىسام، پۇتىنمۇ قاتناشمايدۇ دەپ ئويلىمايمەن.
پۇتىننىڭ مېنىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىشىمنى خالايدىغانلىقىنى بىلىمەن، سۆھبەت قاتنىشىشىممۇ مۇمكىن. ئەگەر ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرالىساق، بۇنى ئويلىشىمەن.»