مۇستەقىل بىر خەلقئارالىق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ يادرو قورال-ياراغ ئامبىرى باشقا ھەرقانداق دۆلەتكە قارىغاندا تېز كېڭىيىپ، 2025-يىلىنىڭ بېشىغىچە مۆلچەر بويىچە 600 ئوق بېشىغا يەتكەن. بۇ ئەھۋال دۇنياۋى قوراللىنىش رىقابىتىنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە، ئىستراتېگىيەلىك ئەندىشىلەرنىمۇ كۈچەيتمەكتە ئىكەن.
سىتوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى «سىپرىنىڭ 2025-يىللىق دوكلاتى» دا، خىتاينىڭ يادرو زاپىسىنىڭ 2023-يىلدىن بۇيان يىلىغا 100 گە يېقىن يادرو ئوق بېشى كۆپىيىپ كېڭەيگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا قورال كونترول قىلىش رامكىسى ئاجىزلاشقان بىر مەزگىلدە يېڭى ۋە خەتەرلىك يادرو قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلدى.
دوكلاتقا قارىغاندا، بۇ يىل 1-ئايغىچە، خىتاي 350 گە يېقىن يېڭى قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) يەر ئاستى قۇرۇلمىسىنى ياسىغان ياكى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ ئون يىلنىڭ ئاخىرىغىچە كەم دېگەندە رۇسىيە ياكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئوخشاش كۆپ ساندا قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.
بىراق، دوكلاتتا خىتاينىڭ زاپىسى 2035-يىلىغىچە 1500 يادرو ئوق بېشىغا يەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇ ساننىڭ ھازىرقى رۇسىيە ۋە ئامېرىكا زاپىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە يادرو قورالىغا ئىگە توققۇز دۆلەت — ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، خىتاي، ھىندىستان، پاكىستان، شىمالىي كورېيە ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 2024-يىلى يادرو ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، دۇنياۋى يادرو ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي سانى سەل ئازىيىپ 12 مىڭ 241 گە چۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا «خەتەرلىك يېڭى يادرو قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى ئەندىشىلەر ئىپادىلەنگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە 5 مىڭ 459 ئوق بېشى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قورال ئامبىرىغا ئىگە، ئامېرىكانىڭ بولسا 5 مىڭ 177 يادرو ئوق بېشى بار. بۇ ئىككى دۆلەت دۇنيا ئومۇمىي سانىنىڭ تەخمىنەن %90 نى ئىگىلەيدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ 90 يادرو ئوق بېشىغا ئىگە ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە، ئەمما بۇ دۆلەت يادرو قورال ئامبىرىنى رەسمىي جەزملەشتۈرمىگەن. ئىسرائىلىيەنىڭ 2024-يىلى بىر قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىتتىرىش سىستېمىسى سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرغانلىقى ۋە شۇنداقلا دىمونادىكى پلۇتونىي ئىشلەپچىقىرىش رېئاكتورىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
شىمالىي كورېيەنىڭ 1-ئايغىچە تەخمىنەن 50 يادرو ئوق بېشىغا ئىگە ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ سان ئۆتكەن يىلدىكى بىلەن ئوخشاش. دۆلەتنىڭ يەنە 40 قا يېقىن يادرو ئوق بېشى ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىغان تەييار ماددىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتقا قارىغاندا، كونا رەقىبلەر بولغان پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ 2024-يىلى يادرو پىلانلىرىنى كېڭەيتكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.
ھىندىستاننىڭ 2024-يىلى يادرو قورال ئامبىرىنى يەنە بىر قېتىم ئازراق كېڭەيتكەنلىكى ۋە يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ھىندىستان ئۆتكەن يىلى 172 بولغان يادرو ئوق بېشى سانىنى 180 گە چىقارغان.
پاكىستان 2024-يىلىمۇ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ۋە تەييار ماددا زاپىسىنى كۆپەيتىشنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ، يادرو قورال ئامبىرىنىڭ كەلگۈسى ئون يىلدا كېڭىيىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
پاكىستاننىڭ 2024-يىلىدىكىگە ئوخشاش 170 ئوق بېشىغا ئىگە ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.
ماي ئېيىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قىسقا مۇددەتلىك قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.