تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن تېلېفونلاشتى. تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىشكە تەييار ئىكەنلىكى»نى بىلدۈردى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان بىلەن شەرىف چارشەنبە كۈنى تېلېفونلىشىپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك، 6-ماي كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋە رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ھۆرمەتلىك ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پاكىستان بىلەن ھەمدەردلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمدا شېھىت بولغان پاكىستانلىقلارغا تەزىيە بىلدۈردى ۋە يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلىدى.»
ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ پاكىستاننىڭ بۇ جەرياندىكى سالماق ۋە ئېھتىياتچان پوزىتسىيەسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى يەنە پاكىستاننىڭ 22-ئاپرېل جاممۇ-كەشمىردە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارىتا مۇستەقىل، ئاشكارا ۋە ئىشەنچلىك خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسلامئاباد چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننىڭ پاكىستان زېمىنى ۋە پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا «چېگرا ھالقىپ ئېلىپ بارغان» ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا كەم دېگەندە 26 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 46 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
يېڭى دېھلى بولسا پاكىستاندىكى «تېررورلۇق ئۇل ئەسلىھەلىرى»گە زبەرگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.