ئىران دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىران ئىسرائىلىيە بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئالدىنقى ئايدا پۈتۈنلەي تاقىۋەتكەن ئايرودۇرۇملىرى ۋە ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتىدىن ئۇچۇشقا ئاچقان.
ئىراننىڭ رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تېھراننىڭ مېھرئاباد ۋە ئىمام ھۇمەينى خەلقئارا ئايرودۇرۇملىرىدىن سىرت يەنە، دۆلەتنىڭ شىمالى، شەرقى، غەربى ۋە جەنۇبىدىكى باشقا ئايرودۇرۇملىرىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇچۇشلارغا تەييار ھالەتتە تۇرماقتا ئىكەن.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش خىزمەتلىرى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان ئىسفاھان ۋە تەبرىزدىن باشقا جايلاردا، ئۇچۇشلار شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 5:00 دىن كەچ سائەت 18:00 گىچە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
ئىراننىڭ تەسنىم ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى كۈندۈز ۋاقىتلاردا خەلقئارا ترانزىت ئۇچۇشلىرىغىمۇ ئوچۇق ئىكەن.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن، ئىران 13-ئىيۇن كۈنى ھاۋا تەۋەلىكىنى پۈتۈنلەي تاقىۋەتكەن ئىدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش 24-ئىيۇن كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان ئىدى.
ئىران ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن، شەرقىي رايونلىرىدىكى ھاۋا تەۋەلىكىنى قايتا ئېچىپ، خەلقئارا ئۇچۇشلارغا قۇلايلىق ياراتقان ئىدى.

ئۇچۇشلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ۋە بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقان چىقىملار
يەر شارى خاراكتېرلىك ئاۋىياتسىيە خەرىتىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۇيۇقسىز ۋە زور چىقىملىق ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلدى.
ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئۇچۇش لىنىيەلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ئەھۋال تىرانسپورت شىركەتلىرى ۋە يولۇچىلارغا ئېغىر يۈك ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا سەپەر ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ۋە تىجارەت تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولدى.
خەلقئارادىكى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى رايوندىكى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ھەربىي جىددىيچىلىك ۋە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەتەرلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇچۇش لىنىيەلىرىنى ئوتتۇرا شەرق ھاۋا تەۋەلىكىدىن يىراقلاشتۇردى.