تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ۋە ھەر خىل نامدا ياكى رايونلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق تارماقلىرىنى تارقىۋېتىشكە ۋە «شەرتسىز قورال تاشلاش»قا چاقىردى.
مىنىستىر گۈلەر شەنبە كۈنى (15-مارت) بىر مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ... تېررورلۇقنىڭ ھېچنېمىگە يارىمايدىغانلىقىنى، مۇددىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە تارقىلىپ كېتىشتىن باشقا تاللىشى يوقلۇقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكى دىققەتكە سازاۋەر، ئەمما بەك كېچىكىپ قالدى» دېدى.
ۋە «بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تېكىستتە ئېنىق بەلگىلەنمىگەن ئۇرۇش توختىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقى كېرەك. بۇنداق بىر ئىش قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەرىپىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن گۈلەر، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكىگە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك تەھدىتكە قارشى تەۋرەنمەس قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىگە بېرىلگەن ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك ھالدا ئورۇنلاۋاتقانلىقى»نى تەكىتلىدى.
ئەنقەرەنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ تېررورلۇققا خاتىمە بېرىپ، دۆلەتكە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك تەھدىتنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن گۈلەر، «بۇزغۇنچىلىقس سېلىش، سۇيىئىستېمال قىلىش ياكى جەرياننىڭ ئۇزارتىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ شۇنداقلا تەمكىنلىك ۋە مەنتىقلىق ھەرىكەت قىلىنىدۇ» دېدى.
تۈركىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان 40 يىللىق تېررور دولقۇنلىرى تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ تىزىمغا ئېلىنغان پ ك ك، ئاياللار، بالىلار، بوۋاقلار ۋە ياشانغانلار بولۇپ 40000 دىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارى.
بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئارقىغا داجىش يوق
شەنبە كۈنى بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى جەريانىدا ئېلان قىلىنغان باشقا بىر باياناتتا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، ئەنقەرەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى مەسىلىسىدە «چېكىنمىگەنلىكىنى، بىر قەدەممۇ ئارقىغا داجىمىغانلىقىنى ياكى باشقا بىر نۇقتىغا كەلمىگەنلىكى»نى تەكىتلىدى.
قىلىچ پ ك ك تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ سۈرىيە تارمىقى بولغان ي پ گ باشچىلىقىدىكى س د ف بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارنىڭ بىرلەشكەن سۈرىيەگە قوشۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېقىنقى بىر كېلىشىمنىڭ نەتىجىلىرىنى تۈركىيەنىڭ يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ ئەنقەرەنىڭ ئىلگىرىلەشنىڭ ئىجابىي شەكىلدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتقان جەرياننى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
سۈرىيەنىڭ لازىقىييە ۋىلايىتىدە ئاغدۇرۇۋېتىلگەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى بىلەن يېڭى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەر ھەققىدە توختالغان قىلىچ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «جان يوقىتىش ھەممىمىز ئۈچۈن تراگېدىيەلىك بىر ئەھۋالدۇر» دېدى.
«بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ يەردە بىر بىرلىك قۇرۇلمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ۋە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسىنىڭ ئىجابىي شەكىلدە نامايان قىلىنغانلىقىنى ئېيتالايمىز» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بىر كېلەچىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كەسكىن ھالدا رەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تولۇق ھالدا يوق قىلىنىشىنى نىشان قىلىدۇ.
TRT گلوبال - تۈركىيە، س د ف-سۈرىيە كېلىشىمىنى زېمىنلارنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن كۆزىتىدۇ
TRT گلوبال - مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەنبەلىرى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە ھەر ئىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى، ئەنقەرەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

TRT Global - Defence ministry sources say that Türkiye will not tolerate any concessions on Syria’s unity and territorial integrity as Ankara remains resolute in its fight against terrorism.