ئىران يادرو پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەھۋالدا ئىسرائىلىيەنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ئائىت ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىدىن پايدىلىنىپ دەرھال قارشى ھۇجۇم قىلالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئورگىنى، ئىسرائىلىيە دۆلەتكە ھۇجۇم قىلغان ئەھۋالدا ئىسرائىلىيەنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرى توغرىسىدا ئېرىشكەن ئىستىخباراتى سايىسىدا، ئىران قىسىملىرىنىڭ قارشى ھۇجۇم قىلالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەھدىت سېلىپ، رەقىبىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئەمما تېھران بۇنداق قورالغا ئېرىشىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىزچىل ئىپادىلەپ كەلگەن ئىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى، تېھران بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ ئاپرېلدا يادرو سۆھبىتىنى باشلىغىنىدىن بۇيان تېخىمۇ كۈچەيدى.
ئالىي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراننىڭ <ئېرىشتىم> دەپ دەۋا قىلغان ئىستىخباراتىنىڭ موللىقى، «سىئونىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان يوشۇرۇن ھۇجۇمىغا جاۋابەن ئىسلام جەڭچىلىرىنىڭ، (ئىسرائىلىيەنىڭ) مەخپىي يادرو ئەسلىھەلىرىگە دەرھال زەربە بېرىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ياكى ئىقتىسادىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھەرقانداق ھۇجۇمىغا «پۈتۈنلەي ئوڭ تاناسىپ» شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شەنبە كۈنى دۆلەت تاراتقۇلىرى، تېھراننىڭ مەخپىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشكارىلانمىغان يادرو ئەسلىھەلىرى ۋە مۇداپىئە پىلانلىرىغا ئائىت ھۆججەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئىستراتېگىيەلىك ۋە سەزگۈر» بىر ئىستىخبارات خەزىنىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىران ئىستىخبارات مىنىستىرى ئىسمائىل خاتىب، كېيىنچە قولغا چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتلەرنىڭ غەرب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ۋە «يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى.
دۈشەنبە كۈنى، ئىران ئىنقىلانى مۇھاپىزەت قىلىش قىسمىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال-مايور ھۈسەيىن سالامى، توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئەھۋالدا بۇ ئىستىخباراتنىڭ «ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ ئېنىقلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
ئۆتكەن يىلى غەززە ئۇرۇشى دائىرىسىدە ئىككى تەرەپ تۇنجى قېتىم كەم ئۇچرايدىغان بىۋاسىتە ھۇجۇملارنى قىلىشقان ئىدى.