سىياسەت
4 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن موسكۋا-كىيېۋ سۆھبەتلىرىنىڭ «نەتىجىلىرى ياخشى» بولدى
رۇسىيە ۋەكىلى كىرىل ئا. دمىترىېۋ، تۈركىيەنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ «ھازىرغىچە بولغان ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش» ۋە «ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئۇرۇش توختىتىش تاللانمىلىرى» بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.
رۇسىيە: ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن موسكۋا-كىيېۋ سۆھبەتلىرىنىڭ «نەتىجىلىرى ياخشى» بولدى
ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق ئورنىتىش سۆھبەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش / AA
منذ 5 ساعات

دمىترىېۋ بۈگۈن (شەنبە) ئەتىگەندە بايانات بېرىپ، تۈركىيە شەھىرىدىكى [ئىستانبۇلدىكى] يىغىننىڭ «مەۋقەلەرنى چۈشىنىش ۋە دىيالوگنىڭ داۋاملىشىشى» بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى بولمىسا ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ھەل قىلىشقا قارىتىلغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، تۈركىيە ساھىبخانلىق قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك تىنچلىق سۆھبەتلىرى جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا ئاخىرلاشتى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قىلغان ئېچىلىش نۇتقىدا: «تىنچلىق يولىدا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك. ھەر بىر كېچىكتۈرۈلگەن كۈن تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېدى.

فىدان، تۈركىيەنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ ھەر ئىككى تەرەپتىن 1000 دىن ئەسىرنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە يازما ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىنىڭ ھەمبەھرىلىنىشى بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىستانبۇلدىكى بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى يەرشارىۋى رولىنى ماختىدى ھەمدە دۆلەتنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك دىپلوماتىيەسىنىڭ بايراقدارى» ۋە «دۇنيادا تىنچلىق دىپلوماتىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان» بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

TRT Global - Russia, Ukraine agree to largest prisoner swap in Türkiye-brokered peace talks

A Türkiye-mediated meeting in Istanbul saw rare progress in Russia-Ukraine peace efforts, with both sides agreeing to a major prisoner swap, as Turkish Foreign Minister Hakan Fidan called it “an important day for world peace.”

🔗

ئاساسلىق قاتناشقۇچىلار

ئامېرىكا ھەيئىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى توم بارراك ۋە ئۇكرائىنا ئالاھىدە ۋەكىلى گېنېرال كېيت كېللوگ بار ئىدى. ئۇكرائىناغا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ئاندرىي يېرماك، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۇمېروۋ ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرىي سىبىھا ۋاكالىتەن قاتناشتى. تۈركىيە ھەيئىتىدە بولسا مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم قالېنمۇ بار ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ ھەپتە ئىستانبۇلدىكى تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتناشماسلىق قارارىنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ تۈركىيە شەھىرىدە [ئىستانبۇلدا] بولماسلىقىغا باغلىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي جۈمە كۈنى ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەدىكى مەنسەپداشلىرى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە پولشا باش مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

زېلېنىسكىي، ئىستانبۇل تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ شەكلى ۋە كۈتۈلىدىغان نەتىجىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ھەمدە بۇ سۆھبەتلەرنىڭ بىر ئۇرۇش توختىتىشقا ئېرىشىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن شارائىت يارىتىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«ئۇكرائىنا، ھەقىقىي تىنچلىق ئۈچۈن مۇمكىن بولغان ئەڭ تېز قەدەملەرنى بېسىشقا تەييار» دېگەن زېلېنىسكىي، يەرشارى ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

زېلېنىسكىي، رۇسىيە تولۇق ۋە شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشنى رەت قىلغان ئەھۋالدا، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارالىق جازا تەدبىرلىرىنىڭ قوللىنىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «رۇسىيەگە بولغان بېسىم، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەييار بولغۇچە داۋاملاشتۇرۇلۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ۋە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى

رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدا ئۆتكۈزگەن يىغىنىدىن كېيىن، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۇمەروۋ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ «ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئۇمەرۇۋ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش، ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە دۆلەت باشلىقلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ئۇچرىشىشتىن ئبىارەت ئۈچ مەسىلىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«يىغىن ئاخىرلاشتى. ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ھازىر  1000 ئەسىرنى 1000 ئەسىر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا كېلىشتۇق. بۇلار يىغىنىمىزنىڭ نەتىجىلىرى» دېگەن ئۇمېروۋ، ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى، ئەمما تېخى ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

رۇسىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى، شۇنداقلا پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ مەسلىھەتچىسى ۋلادىمىر مېدىنسكىي، موسكۋانىڭ ئىستانبۇلدا ئۇكرائىنا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۈچ مەسىلىدە كېلىشتۇق. بىرىنچىدىن، يېقىن كۈنلەردە 1000 كىشىلىك كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ئەسىرى ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېدى .

ئۇكرائىنا تەرەپ دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، رۇسىيە ھەيئىتى بۇ تەلەپنى «خاتىرىلەپ قويغانلىقىنى» بىلدۈردى.

«ئۈچىنچىسى: ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇمكىن بولىدىغان بىر ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كەلگۈسىدىكى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە بۇنى تەپسىلىي تەسۋىرلىشى توغرىسىدا كېلىشتۇق» دېدى.

مېدىنسكىي، بۇنداق بىر پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ جۈمە كۈنى قىلغان سۆزىدە، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن «مۇمكىن بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا» پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

TRT Global - Dolmabahce Palace: Where history meets diplomacy in the heart of Istanbul

Once the home to Ottoman sultans, the magnificent palace has re-emerged as a key venue for international diplomacy, reflecting Türkiye’s growing role on the global stage. The palace bridges times as historic talks return to its halls.

🔗

خەلقئارادىكى ئىنكاسلار

ئالتىنچى نۆۋەتلىك ياۋروپا سىياسىي ئىتتىپاقى (EPC) باشلىقلار يىغىنى جۈمە كۈنى تىرانادا 47 ياۋروپا رەھبىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلاندى.

پائالىيەت جەريانىدا، ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس رۇسىيەگە قارىتا «يېڭى بىر يۈرۈش جازا تەدبىرلىرى»نىڭ تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ۋون دېر لېيېن، جازا تەدبىرلىرىنىڭ پەقەت جازالاش خاراكتېرلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى رۇسىيەنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغان تېخىمۇ كەڭ بىر ئىستراتېگىيەنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «پۇتىننى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىشقا تەييارمىز. نۇرغۇن نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر بۇنى تىلغا ئالدى، بۇ ئۇرۇش ئاخىرلىشىشى كېرەك... بىز كېيىنكى بىر يۈرۈش جازا تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمىز» دېدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرىدرىچ مېرز، ئىستانبۇل يىغىنىنى «ئىجابىي سىگنال» دەپ قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە دىپلوماتىيەنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىپ، «يېقىنقى كۈنلەردە بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدۇق دېيەلەيدىغان كىم بار؟ ھازىرقى پەيتتە خاتالاشقان بىردىنبىر ئادەم مەيدانغا چىقمىغان پۇتىندۇر. ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن بارلىق ئالدىنقى شەرتلەر ھازىرلانغان ئىدى» دېدى.

ئۇ يەنە، «بۈگۈن، ئۈچ يېرىم يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى ئىنتايىن كىچىك، ئەمما تۇنجى ئىجابىي سىگنالدۇر. بۇنىڭ ئۈستىدە، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ ئىشلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې. «مېنىڭچە، پۇتىن سۆھبەتكە تۆۋەن دەرىجىلىك بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ خاتالىق ئۆتكۈزدى» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ جۈمە كۈنى بىر باياناتچى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىستانبۇلدىكى رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ بۇ ئىشتا ئوينىدىغان «مۇھىم رولى»نىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us