ۋالىي گاۋىن نيۇسوم (Gavin Newsom) ئۆزىنىڭ سايلىغۇچىلاردىن تېكساس پىلانلاۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان يېڭى خەرىتىلەرنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.كالىفورنىيە ۋالىيسى گاۋىن نيۇسوم دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشىشى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېڭى خەرىتىسى توغرىسىدا 4-نويابىر (2025) ئالاھىدە سايلام ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلماقتا.ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تېكساس ئىشىتاتىدا بەش ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشىدۇر. پەيشەنبە كۈنى (14-ئاۋغۇست) دېموكراتلار پارتىيەسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقاندا، نيۇسوم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سايلام ئېلانىنى جاكارلىدى.تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىشىتات پارلامېنت ئەزالىرى ئالاھىدە سايلامنى ئېلان قىلىشى كېرەك. ئىشتاتلىق پارلامېنت ئەزالىرى كېلەر ھەپتە سايلام ئېلان قىلىشنى پىلانلىماقتا.دېموكراتلار پارتىيەسى تېخى لايىھە خەرىتىسىنى ئېلان قىلمىدى، ئەمما ئۇلار يەنە بەش ئورۇنغا ئېرىشىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.بۇ خەرىتىلەر سايلىغۇچىلارنىڭ تەستىقىغا موھتاج. چۈنكى سايلىغۇچىلار ئىلگىرى پارلامېنتنىڭ ئورنىغا مۇستەقىل كومىتېتقا خەرىتە سىزىش ھوقۇقى بەرگەن.كالىفورنىيەدە ئەركىنلىك كۈنىۋالىي نيۇسوم سايلىغۇچىلاردىن تېكساس ئىشتاتى پىلانلىغان ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنى ئاۋام پالاتاسىدا تېخىمۇ كۆپ ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ، دەپ مۆلچەرلەنگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان يېڭى خەرىتىلەرنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.ئۇ لوس ئانژېلېستىكى دېموكراتىيە مەركىزىدە قوللىغۇچىلىرىغا مۇنداق دېدى:«دونالد ترامپ، سەن ئېيىقنى ئويغىتىپ قويدۇڭ، بىز قايتۇرما زەربە بېرىمىز.»ئېيىق 39 مىليون نوپۇسلۇق بۇ ئىشىتاتنىڭ سىمۋولى.ئاقساراينى كۆزلەۋاتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان ۋالىي نيۇسوم، ئۆتكەن يىلقى سايلامدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئوڭشاۋاتقان دېموكراتلار پارتىيەسى ئىچىدە ترامپقا قارشى ئاساسلىق ئاۋازلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.ئىككى سىياسەتۋاز (ترامپ ۋە نيۇسوم) ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىك ھۆكۈمەتنىڭ لوس ئانژېلېستا كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەردە كۆپ كېتىم يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى.