جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا كىم مۇن سۇنى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنىدى.
جەنۇبىي كورېيە تاراتقۇلىرى شەنبە كۈنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىر خان دوك سۇنى پىرېزىدېنت نامزاتى قىلىپ تاللىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يۆنخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كۈتۈلمىگەن قارار خان دوك سۇ بىلەن خەلق قۇدرىتى پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەردىن كېيىن چىقىرىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خەلق قۇدرىتى پارتىيەسى كېلەر ئايدىكى سايلامغا كىم مۇن سۇنى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنىدى.
پارتىيە، كىمنىڭ نامزاتلىقىنى بىكار قىلىش مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىردى. رەسمىي قارارنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. كىم مۇن سۇ بۇ ھەرىكەتنى «يېرىم كېچىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتاپ، قاتتىق تەنقىد قىلدى.
شەنبە كۈنى (بۈگۈن) كىمنىڭ خەلق قۇدرىتى پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ قارارىنى توسۇش ئۈچۈن سېئۇلدىكى بىر سوت مەھكىمىسىگە جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغانلىقىمۇ خەۋەر قىلىندى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كىم، نامزاتلىقتىن ئېلىپ تاشلىنىش قارارىغا قارشى قانۇنىي ۋە سىياسىي قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «يېرىم كېچىدە بىر سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بۇ دېموكراتىيەگە قارشى ھەرىكەت پەقەتلا جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئاساسىي قانۇن تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا تارىخىدىمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئەھۋال» دېدى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «مەن بۇ ئىشنىڭ جاۋابكارلىرىنى قانۇنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن جاۋابكارلىققا تارتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
جەنۇبىي كورېيە، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق پىرېزىدېنت يون سۇك يولنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشىدىن كېيىن، 3-ئىيۇن مۇددەتتىن بۇرۇنقى پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا.
«جۇڭاڭ ئىلبو» گېزىتىنىڭ ئەڭ يېڭى راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى لى جائې مىيۇڭ %47 لىك قوللاش بىلەن ئالدىدا كېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن %23 قوللاشقا ئېرىشكەن خان دوك سۇ، %13 قوللاشقا ئېرىشكەن كىم مۇن سۇ ۋە %4 قوللاشقا ئېرىشكەن ئىسلاھات پارتىيەسى نامزاتى لى جۇن سېئوك قاتارلىقلار بار.