كىرېمىل پەيشەنبە كۈنى نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-رۇسىيە سۆھبىتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ياكى كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ۋاشىنگتوننىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كىيېۋ بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كۈتۈلمەكتە.
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، «بۇ يەكشەنبە كۈنى بولماسلىقى مۇمكىن؛ تەپسىلاتلار توغرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا، ھەپتىنىڭ دەل بېشىدا بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
باياناتچى يەنە، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئەنگلىيەدە چاقىرىلغان ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئەسىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنى «ھەربىيلەشتۈرۈش» پىلانى تۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ: «بىريۇسسېل ۋە ياۋروپا پايتەختلىرىدىن كەلگەن سىگناللارنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپانى ھەربىيلەشتۈرۈش پىلانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دېدى.
ئۇ «ياۋروپا ئۆزىنى ھەربىيلەشتۈرۈش يولىغا مېڭىپ، بىر خىل ئۇرۇش پارتىيەسىگە ئايلىنىپ قالدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

TRT Global - Both Kiev and European capitals are sceptical that Putin may be stalling, and wonder whether Trump is willing to use leverage against a leader with whom he seems intent on restoring ties.
ت ر ت گۇلوبال - ترامپ بىلەن پۇتىن ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن «ناھايىتى مۇھىم» تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ
ت ر ت گۇلوبال - كىيېۋ بىلەن ياۋروپا پايتەختلىرى پۇتىننىڭ ۋاقىت قازىنىۋاتقان بولۇش ئېھتىماللىقىدىن گۇمانلانماقتا ۋە ترامپنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن ئورنىتىشقا ئىنتىلىۋاتقان بىر رەھبەرگە بېسىم ئىشلىتىشنى خالايدىغان – خالىمايدىغانلىقىغا قىزىماقتا.
ياۋروپا ئۇكرائىنانىڭ مۇداپىئەسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ
يەنە بىر تەرەپتىن، خىزمەت مۇددىتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئۇلاف شولز ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىغا كىرىپ كېتىۋېتىپ، كىيېۋنىڭ كۈچلۈك ئورۇندا بولۇشى ۋە ھەرقانداق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،ياۋروپانىڭ ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق سۆھبەتتىن قەتئىينەزەر، ئۇكرائىنانى كۈچلۈك قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىيالايدىغانلىقى؛ ئۆز يولىنى بەلگىلەپ ئۆز رەھبەرلىرىنى سايلىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا، ئەلۋەتتە، تىنچلىق مەزگىلىدە كۈچلۈك ئارمىيەگە ئىگە بولۇشى كېرەك.»
ئۇ «گېرمانىيەنىڭ كەلگۈسى بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇداپىئە ۋە ئۇل ئەسلىھە خىراجەتلىرىنى مالىيەلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قەرز پىلانى بۇنىڭ مۇھىم بىر قىسمى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس ئۇكرائىنانى قوللاشنى ھەرىكەتلەر ئارقىلىق نامايان قىلىش، بولۇپمۇ ئۇرۇشتا خارابىلىككە ئايلانغان بۇ دۆلەتنى كېرەكلىك بولغان ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكلىپ قىلدى.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئەگەر رەھبەرلەرنىڭ باياناتلىرىغا قۇلاق سالساق، ئۇنداقتا قوللاش-قۇۋۋەتلەش ناھايىتى كۈچلۈك، شۇڭا ئۇ ئەمەلىي ھەرىكەتلەردە، سانلاردا، ئۇكرائىناغا زۆرۈر بولغان ھەقىقىي ئوق-دورىلاردا كۆرۈلۈشى كېرەك. شۇڭا مەن ھەقىقەتەن بۇنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقىمىزدىن ئۈمىدۋارمەن» دېدى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن كايا كاللاس رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بىر خەتكە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىناغا ئىككى مىليون چوڭ كالىبىرلىق ئارتىلېرىيە ئوقىنى تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.
TRT Global - Britain and France are leading efforts for a peacekeeping plan, with over 30 nations expected to participate.
ت ر ت گلوبال – ئەنگلىيە: نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇكرائىناغا تىنچلىق ساقلىغۇچى ئەۋەتىشكە تەييار
ت ر ت گلوبال – ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە 30 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان تىنچلىق ساقلاش پىلانىنى يولغا قويۇش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.