غەربىي كوردوفاندىكى ئەل مۇجلاد دوختۇرخانىسىغا شەنبە كۈنى ھۇجۇم قىلىندى، بۇ ھۇجۇم 2023-يىلى 4-ئايدىن بۇيان ئۇرۇش قىلىۋاتقان سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش مەيدانىغا يېقىن بىر رايوندا يۈز بەردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (DSÖ) نىڭ باش دىرېكتورى، ھەپتە ئاخىرىدا سۇداندىكى بىر دوختۇرخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بالىلار ۋە سەھىيە خادىملىرىنىمۇ قوشقاندا 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شەنبە كۈنى ئەل مۇجلاد دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم، 2023-يىلى 4-ئايدا باشلانغان توقۇنۇشلاردىن كېيىن سۇدان ئارمىيەسى بىلەن يېرىم ھەربىي تېز ياردەم قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش مەيدانىغا يېقىن بولغان غەربىي كوردوفان رايونىدا يۈز بەردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى تېدروس ئادھانوم گېبرېيېسۇس، سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى ئەمما ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ زادى كىمدە ئىكەنلىكى ھەققىدە بايانات بەرمىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سۇدان ئىشخانىسى، ھۇجۇمدا ئالتە كىچىك بالا ۋە بەش سەھىيە خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ھەمدە رايوننىىڭ ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.