ئامېرىكا، روسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ تەرەپلىك تىنچلىق سۆھبەتلىرى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئىستانبۇلدا باشلاندى.
بۇ سۆھبەتلەر جۈمە كۈنى ئارقىمۇئارقا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەرنىڭ تۇنجى باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ.
تۈركىيە جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا ئارقىمۇئارقا ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتكە ساھىپخانىلىق قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتا مەركىزىي دىپلوماتىك ئاكتىيور بولۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە-ئامېرىكا-ئۇكرائىنا ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتلەر ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 10:45د باشلانغان. ئارقىدىنلا سائەت 12:30 دا تۈركىيە-روسىيە-ئۇكرائىنا ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتلەر باشلانغان.
ھەر ئىككى سۆھبەت دائىم دېگۈدەك ئەلچىخانا دەرىجىسىدىكى دىپلوماتىك ئالاقىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تارىخىي دولماباھچە سارىيىدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

Türkiye's top diplomat Hakan Fidan meets with the Russian delegation, led by Vladimir Medinsky, presidential aide to Putin, at Istanbul’s Dolmabahce Palace.
سۆھبەتلەرگە ھەر بىر دۆلەتتىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر قاتنىشىدۇ. جۈملىدىن، بۇ سۆھبەتلەرگە تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى ماسلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئامېرىكاغا ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئۇكرائىناغا ۋاكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۈستەم ئۆمەروۋ باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى، رۇسىيەگە ۋاكالىتەن پىرېزىدېنت مەسلىھەتچىسى ۋلادىمىر مېدىنسكىي باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىشتىراك قىلىدۇ.
ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي كىسلىتسا، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئولېكساندىر پوكلاد ۋە تاشقى ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئولېھ لۇھوۋسكىي قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.
رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىخائىل گالۇزىن، باش ئىشتاب باشقارمىسى ئىستىخبارات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئىگور كوستيۇكوۋ ۋە مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئالېكساندىر فومىن قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ شەخسلەر تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ جىددىيلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىستانبۇلدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۇدا بىرنەچچە ئاي داۋاملاشقان قاتمال ھالەتتىن كېيىن جانلانغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈمىدى بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكتە.
تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشنىڭ رايونلۇق بىخەتەرلىك ۋە دۇنياۋى مۇقىملىققا خىرىس قىلىۋاتقان تەسىرلىرىگە قارشى ھەم ھەر ئىككى تەرەپنى ھەم ئامېرىكانى بىر يەرگە جەم قىلالىشى، بۇنىڭدىن كېيىن كونكرېت قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بېرىدىغان مۇھىم پۇرسەت دەپ قارالماقتا.