BMC رەئىسى فۇئات توسيالى جۈمە كۈنى قىلغان سۆزىدە، بۇ تۈرنىڭ تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ: «زاۋۇتىمىزغا ئۆتكەن يىلى ئۇل سېلىنغاندىن كېيىن، ھازىر كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىشقا ئۆتتى. بۇ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.
ئەڭ يېڭى تېخنىكىلار سەپلەنگەن «ئالتاي» تانكىسى، BMC نىڭ تارماق شىركىتى BMC Power تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغان BATU موتورى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ.
ئەنقەرەدىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى تانكا گەۋدىسىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرقى قۇراشتۇرۇشقىچە بولغان بارلىق ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچلىرىنى سانائەت ماشىنا ئادەملىرى ۋە ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
«ھېچقانداق بىنورماللىق بايقالمىدى»
توسيالى 400 بىلەن 1500 ئارىلىقىدا ئات كۈچىگە ئىگە BATU موتور سىستېمىسىنىڭ، ئىشلىتىشكە سۇنۇلۇشتىن بۇرۇن بىر قىسىم سىناقلارنى تاماملىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
توسيالى مۇنداق دېدى: «موتور سىستېمىسى 10 مىڭ كىلومېتىر يۈرۈشى ۋە مەلۇم ئىقتىدار باھالاشلىرىدىن ئۆتۈشى كېرەك. ھازىرغىچە ھېچقانداق بىنورماللىق بايقالمىدى، ھاۋا ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زاپچاسلار تانكا بىلەن بىرلىكتە سىناق قىلىنماقتا.»
بۇ زاۋۇتتا «ئالتاي» تانكىسىدىن باشقا، BMC نىڭ يېڭى ئەۋلاد سەككىز چاقلىق برونېۋىكى ئالتۇغمۇ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.
دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ھالۇق گۆرگۈن، بۇ تۈرنىڭ ئارقىسىدىكى ھەمكارلىققا يۇقىرى باھا بېرىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ جەرياننى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ: «ئۆتكەن يىلى سىناق ئۈچۈن تەمىنلىگەن تانكىلىرىمىز بارلىق ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلىپ، سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. ھازىر زاۋۇتىمىز پۈتتى، تانكىلىرىمىزنى بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىپ قىسىملىرىمىزغا تاپشۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.