ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىكى ۋە رەقەملىك - يېشىل ئۆزگىرىش
مىللىي ئىستىخبارات ئاكادېمىيەسى «ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىكى ۋە رەقەملىك - يېشىل ئۆزگىرىش: ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋە كاربونسىز ئېلېكتىر تورلىرىغا ئۆتۈش» تېمىسىدا مەخسۇس ئانالىز ئېلان قىلدى.
ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىكى ۋە رەقەملىك - يېشىل ئۆزگىرىش
ئېنېرگىيە / User Upload
9 hours ago

مىللىي ئىستىخبارات ئاكادېمىيەسى ئېلان قىلغان «ئېنېرگىيە خەۋپسىزلىكى ۋە رەقەملىك - يېشىل ئۆزگىرىش: ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋە كاربونسىز ئېلېكتىر تورلىرىغا ئۆتۈش» تېمىسىدىكى تەھلىلدە، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش خەۋپسىزلىكى، ئېلېكتىر تورىنىڭ مۇقىملىقى، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرلىرى قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

مىللىي ئىستىخبارات ئاكادېمىيەسىنىڭ تەھلىلىدە، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش خەۋپسىزلىكى، ئېلېكتىر تورىنىڭ مۇقىملىقى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تور بىخەتەرلىكى ۋە تېخنولوگىيەگە تايىنىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. رەقەملىك - يېشىل ئۆزگىرىشنىڭ خەۋپ-خەتەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەندى. توك توختاپ قېلىشنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا دىققەت ئاغدۇرۇلدى.

ئانالىزدا 2025-يىلى ئىسپانىيەدە باشلىنىپ،ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتكەن توك توختاپ قېلىش ۋەقەسى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلدى. توك ئۈزۈلۈپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ ئېلېكتىر تورىدىكى نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ۋە زاپاس سىغىمنىڭ يېتەرسىز بولۇشىنىڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئۆزگىرىشچان بولغاچقا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر تورلىرى ۋە رەقەملىك تېخنولوگىيەلەرنى ئىشلىتىشنىڭ مەجبۇرىيەتكە ئايلانغانلىقى قەيت قىلىندى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر تورلىرىنىڭ ئۈنۈمدارلىق ۋە جانلىقلىقنى كاپالەتلەندۈرىدىغانلىقى ئىپادىلەندى.

ياۋروپادىكى توك توختاپ قېلىش ھادىسىلىرىنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقتىن كېلىپ چىققانلىقى، ھازىرقى تەدبىرلەرنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكى ۋە ھازىرقى سىستېمىلارنى يېڭىلاش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى سىستېما بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ زاپاس سىغىمنى ئاشۇرۇش زۆرۈرىيىتىنى پەيدا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. بەزى دۆلەتلەرنىڭ جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زاپاس ئېنېرگىيە سۈپىتىدە يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى تاللىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يېڭى تېخنولوگىيەلەرنىڭ يېڭى بېقىندىلىقلارنى پەيدا قىلىدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن يەرلىك تېخنولوگىيەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى. كونا قۇرۇلمىلارنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە ساقلاش چارىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇزۇن مۇساپىلىك ئېنېرگىيە توشۇشتا يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك لىنىيەلىرىنى (HVDC) ئىشلىتىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەقلىي ئىقتىدارلىق توك سائەتلىرىنى ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى.

ئېلېكتىر سىستېمىلىرىدا تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئالاقە كېلىشىملىرىنى شىفىرلاش ۋە سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق نورمالسىزلىقلارنى بايقاش ئالگورىزىملىرنى ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى قەيت قىلىندى.

تەھلىلدە، تىجارەتچىلەرنىڭ پىلانلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان يېڭى مودېللاشتۇرۇش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قوراللىرىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە يەرلىك تېخنولوگىيەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكى تەكىتلەندى. ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقىنىڭ، تېخنولوگىيەگە تايىنىۋېلىشنى ئازايتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

مەنبە: تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئاكادېمىيەسى

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us