8 Mei 2025
پاكىستان چارشەنبە كۈنى (7-ماي) ھاۋا تەۋەلىكىگە خىلاپلىق قىلغان يادرو دۆلىتى بولغان قوشنىسى ھىندىستاننىڭ ئىلغار تىپلىق بەش دانە رافائېل(Rafale) ھەربىي ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ھىندىستان ئايروپىلانلىرىنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى جەزملەشتۈرمىدى، لېكىن يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتقانلىرى نەقىل ئېلىنغان خەۋەرلەردە، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە بىر نەچچە ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېيتىلدى.
بۇ ۋەقە پاكىستاننىڭ «JF-17» ئايروپىلانلىرىغا، يېقىندا خىتاينىڭ ئەڭ ئىلغار يىراق مۇساپىلىق ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان «PL-15» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ سەپلەنگەنلىكىگە دىققەتنى تارتتى.
پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى ھىندىستان بىلەن زىددىيەت كۈچەيگەندە، ئۆتكەن ھەپتە «JF-17» ئايروپىلانلىرىغا «PL-15» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان سىنلارنى ئېلان قىلغان ئىدى. «PL-15» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا خىتاينىڭ 5-ئەۋلاد «J-10» ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن ياسالغان.
«ئەگەر پاكىستان <PL-15> باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن ھىندىستان ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن بولسا، بۇ يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەقىقىي جەڭدە ئىشلىتىلگەنلىكى بولىدۇ» دەيدۇ، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى (PAF) نىڭ سابىق ئۇچقۇچىسى خالىد چىشتى.
تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سۈرەتلەردە «PL-15» نىڭ خىتاي ئارمىيەسى ئۈچۈن مەخسۇس ياسالغان ۋە تېخى ئېكسپورت قىلىنمىغان قىسقا مۇساپىلىق نۇسخىسى كۆرۈندى.
خالىد چىشتى: «يېقىندا پاكىستان ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن باردىم، ئۇچقۇچىلاردىن بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسى توغرىسىدا سورىدىم، ئۇلار 200 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، دېدى» دەيدۇ.
«PL-15E» ئېكسپورت نۇسخىسى بولۇپ، مۇساپىسى 145 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
خالىد چىشتى: «بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھىندىستاننىڭ رافائېل ئايروپىلانلىرىغا سەپلەنگەن مېتېئورىت (Meteor) باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ مۇساپىسىدىن ئۇزۇن» دەيدۇ.
پاكىستاننىڭ «JF-17» ئايروپىلانلىرىغا يەنە (Active Electronically Scanned Array) (AESA) دەپ ئاتىلىدىغان ئىلغار تىپلىق رادار سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

TRT Global - Türkiye condemns India’s attack on civilians, warns of war in escalating tensions with Pakistan
🔗Ankara calls for calm, urges investigation into April 22 terror attack, and presses for de-escalation steps.