سىياسەت
5 مىنۇت ئوقۇش
ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى دۇنيادا زور نارازىلىقلارنى قوزغىدى
ئىسىرائىلىيە ھاماس بىلەن تۈزۈلگەن ئىككى ئايلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا غەززەگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى. ھۇجۇمدا ئەڭ ئاز دېگەندە 404 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 562 پەلەستىنلىك يارىلاندى.
ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى دۇنيادا زور نارازىلىقلارنى قوزغىدى
ئىسىرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى قايتا باشلىدى / AP
19 مارس 2025

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى- ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ نىسبەتەن تىنچ ئۆتكەن مەزگىلى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سەيشەنبە (18-مارت) ئەتىگەندە غەززەگە ھۇجۇم قوزغىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

پەلەستىن دوختۇرخانا مەسئۇللىرى ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا، ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مۇددەتسىز ئىكەنلىكى ۋە تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقى، بۇنىڭ 17 ئايلىق ئۇرۇشنىڭ قايتىدىن قوزغىلىشىغا بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە.

دۇنيادا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلەشلەر كۈچەيدى. بەزى ئىنكاسلار تۆۋەندىكىچە:

تۈركىيە

تۈركىيە پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى» دەپ تەرىپلەنگەن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى سىياسىتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا، «ئىسرائىلىيە خەلقئارا قانۇن ۋە ئۇنىۋېرسال قىممەت قارشىلارنى ئەڭ ئېغىر شەكىلدە دەپسەندە قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى ھەيۋە قىلىۋاتىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ، خەلقئارا تىنىچلىق تىرىشچانلىقلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، رايون مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتكەن تاجاۋۇزچىلىقى رايوننىڭ كەلگۈسىگە تەھدىت سالماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى بىر زوراۋانلىققا سەۋەب بولۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

ئەنقەرە باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئېنىق بىر پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش تۇختىتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈشنى چاقىرىق قىلدى.

ھاماس

 

ھاماسنىڭ پېشقەدەم مەسئۇلى ئىززەت ئەل-رىشق ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھەمدە ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان كىشىلەرنى «كوچا ۋە مەيدانلارغا چىقىشقا، غەززە خەلقىگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زىيونىست ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى قايتىدىن باشلاشنى رەت قىلىش ئۈچۈن ئاۋازلىرىنى چىقىرىش» قا چاقىردى.

ئۇ: «نېتانياھۇ غەززەلىكلەرگە يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا يەتكۈزۈشنى توسۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە غەززە بالىلىرى ئۇخلاۋاتقاندا بومباردىمان قىلىپ ئۆلتۈردى» دېدى.

ئۇ نېتانياھۇنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى قايتىدىن باشلاش قارارىنىڭ «ئىشغالىيەتنىڭ مەھبۇسلىرىنى قۇربان قىلىش قارارى ۋە ئۇلارغا قارشى ئۆلۈم جازاسىدۇر» دېگەننى سۆزىگە قوشۇپ قويدى.

ئۇ ۋاسىتىچىلەرگە ۋە دۇنيا رەھبەرلىرىگە، ئىسرائىلىيە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئاشكارىلاشقا ۋە نېتانياھۇنى توقۇنۇشنى قايتىدىن قوزغىغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىشنى چاقىرىق قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:

 «ھەربىي بېسىم ۋە رەھىمسىز سىيونىست تاجاۋۇزچىلىق، خەلقىمىزنىڭ ئىرادىسىنى ۋە قارشىلىقىمىزنى سۇندۇرۇشتا ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.»

 

TRT Global - Hamas calls on free people of the world to protest against renewed Israeli aggression

TRT Global - Hamas urges mediators to hold Israel accountable for violating the agreement and calls on the UN Security Council to convene urgently to enforce a halt to Israel’s brutal attacks.

🔗

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى

 

پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى «غەززەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان خەلقئارا تىرىشچانلىقلارنىڭ توختاپ قېلىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مەجبۇرىيەتلىرىدىن قېچىشى ھېسابلىنىدۇ» دەپ سۈپەتلىدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«سىياسىي ھەل قىلىش چارىلىرى، تىنچلىقنى ساقلاش، تاجاۋۇزچىلىقنى ۋە توقۇنۇشنى توختىتىپ، سىياسىي كەلگۈسىنى قايتىدىن بەرپا قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.»

"ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن قەتئىيلىككە ئىگە خەلقئارالىق پوزىتسىيەنى چاقىرىق قىلىمىز ۋە ئىشغالىيەتنىڭ خەلقىمىزنى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاش پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى ئاگاھلاندۇرىمىز.»

يەمەن

 

يەمەن يەمەننىڭ خۇسىيلىرى ئىتتىپاقدىشى ھاماسنى قوللاش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

خۇسىيلار قىزىل دېڭىزدىكى ئىسرائىلىيە كېمىلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى قايتىدىن باشلايمىز دەپ تەھدىت سالدى.

خۇسىيلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سىياسىي كېڭىشى: «سىيونىست دۈشمەننىڭ غەززەگە قايتا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. پەلەستىن خەلقى بۇ ئۇرۇشتا يالغۇز ئەمەس، يەمەن قوللاشنى ۋە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئىسىرائىلىيەگە قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

مىسىر

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ كېچىدە باشلىغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى، 19-يانۋاردا كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە «ئوچۇق خىلاپلىق قىلىش» دەپ ئاتىدى.

ھۇجۇملارنىڭ، «رايون مۇقىملىقى ئۈچۈن ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئۇرۇش خەۋپى» نى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مىسىر، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن قاتار ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋاسىتىچىلىك قىلدى.

 

ب د ت

 

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، بالىلار ۋە ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلىگەن پەلەستىنلىكنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇئاۋىن باياناتچى فارھان ھاق ب د ت باش كاتىپىنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنىڭ ئىزچىل يەتكۈزۈلىشى ۋە قالغان تۇتقۇنلارنىڭ قويۇۋېتىلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك چاقىرىق قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ  ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ، ھۇجۇملارنىڭ «پاجىئەگە پاجىئە قوشىدىغانلىقى» نى، شۇڭا قورشاۋ ئاستىدىكى رايوندا «قورقۇنچلۇق چۈش» نى تېزلىكتە ئاخىرلاشتۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ ئاخىرقى 18 ئايلىق زوراۋانلىقنىڭ، «بۇ كىرىزىستىن قۇتۇلۇشنىڭ ھەربىي يولى يوقلۇقى» نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلەپ، بىردىنبىر يولنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەربىي كۈچكە مۇراجىئەت قىلىشى، ئاللىقاچان پاجىئەلىك شارائىتلاردا ياشاۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئازاب قوشىدۇ. خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەر بىر ئادەم دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇۋېتىلىشى كېرەك.»

شىۋېيتسارىيە

 

شىۋېيتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، غەززەدە ئوت تۇختىتىشنى قايتا چاقىرىق قىلدى.

شىۋېيتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېكس (X) بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دەرھال ئۇرۇش توختىتىلىشى، بارلىق تۇتقۇنلار ئەركىن قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنىڭ ئىزچىل يەتكۈزۈلىشىنى چاقىرىق قىلىمىز. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پۇقرالارنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار» دېيىلدى.

 

رۇسىيە

 

رۇسىيە، قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە قايتىدىن باشلانغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ، يوشۇرۇن ئۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئۇلغىيىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

كرېمل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ موسكۋادا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، «ۋەزىيەتنىڭ قايتىدىن ناچارلىشىشى، كۈچىيىۋاتقان يىرىكچىلىكلەرنىڭ يەنە قايتىدىن باشلىنىشى، بىزنى ئەندىشىگە سالماقتا» دېدى.

پېسكوۋ موسكۋانىڭ ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە تىنچلىق يولىغا قايتىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

Putin lambasts Israel: War on Gaza ‘total destruction’ of Palestinians

From the Gaza war and Ukraine to Germany’s sovereignty and Moscow’s threat to use nuclear weapons, here’s what Russia’s leader thinks about some of the most burning topics globally.

🔗

مالتا

 

مالتا باش مىنىستىرى روبېرت ئابېلا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان «ۋەھشىيانە» ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۇ دۈشەنبە (17-مارت) كېچىسى غەززەگە قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنىڭ ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئېكس (X) بېتىدىكى ئۇچۇرىدا، «بۇ ۋەھشىيانە ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. مالتانى غەززە، ئۇكرائىنا ۋە باشقا جايلاردا تىنچلىق ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچ چىقاردى دېيەلمەيمەن» دەپ يازدى.

 

نورۋېگىيە

 

نورۋېگىيە باش ۋەزىرى يوناس گاھر ستورې، «غەززەدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ چوڭ بىر پاجىئە. ئۇلارنى قوغدايدىغان ھېچنىمە يوق. نۇرغۇن كىشىلەر چېدىرلاردا ۋە خارابىلىكلەردە ياشاۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيەگە يېشىل چىراغ يېقىلغانلىقىنى ۋە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قوراللارغا، ھاۋا كۈچىگە ئىگە بولدى دەپ چۈشىنىشنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار» دېدى.

نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئېسپېن بارت ئېيدې (Espen Barth Eide): «بۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغان پەلەستىن پۇقرالىرى، تىنچلىققا ئېھتىياجلىق بولغان، تۇتقۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرى، ئۆيلىرىگە قايتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن قورقۇنچلۇق چۈش» دېدى.

ئۇ ئۇرۇش تۇختىتىش سۆھبەتلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى ئۈچۈن توقۇنۇشنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى چاقىرىق قىلدى.

 

ئاۋسترالىيە

 

ئاۋسترالىيە تېل ئاۋىۋنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا يېڭى بىر ھۇجۇم باشلىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەدىن «مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىشىنى» تەلەپ قىلدى.

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭ ئېكس بېتىدە، «بارلىق تەرەپلەرنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتقۇنلار كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى، كېلىشىمنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بارلىق تەرەپلەر خەلقئارا قانۇنغا بويسۇنۇشى كېرەكخەلقئارال» دېدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us