جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەربنىڭ غەززە كىرىزىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەخلاقىي رەھبەرلىك جەھەتتىكى بىر مەغلۇبىيەت دەپ ئاتاپ، غەرب دۆلەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
ئەردوغان چارشەنبە كۈنى ۋېنگىرىيەدىن تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، غەززەنىڭ پەقەت بىر ئىنسانىي تىراگېدىيە مەسىلىسىلا ئەمەسلىكىنى، دۇنيانىڭ ئەخلاقىي پۈتۈنلۈكىنىڭمۇ ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دېدى:
«غەززەنىڭ ئەھۋالى پەقەت بىر ئىنسانىي تىراگېدىيەلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا سىستېمىنىڭ سەمىمىيىتىنىڭ بىر سىنىقىدۇر، تولىمۇ ئەپسۇسكى، غەرب ئورگانلىرى بۇ سىناقتىن ئۆتەلمىدى.»
ئەردوغان ئىسرائىلىيەنى غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى قەستەن توسۇش بىلەن ئەيىبلىدى، ھەمدە بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئىسرائىلىيەنى دۇنيا سەھنىسىدە يېتىم قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئېڭىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ياۋروپا ئاخىرى ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىنى تونۇپ يەتتى. دەرۋەقە، غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە كۆز يۇمغانلار ھامان بىر كۈنى تارىخ ئالدىدا چوقۇم ھېساب بېرىدۇ.»
غەززە خەلقىگە ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكرارلىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ پوزىتسىيەسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

The distribution is only partially allowed as Israel’s army in Gaza has marked several areas ‘unsafe’, thus hampering the aid's distribution.
سۈرىيە ئېمبارگولىرى ۋە ئامېرىكا زىيارىتى
رايونلۇق دىپلوماتىيە توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۈرىيەگە قاراتقان خەلقئارالىق ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى، ھەمدە بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ، بۇنداق بىر قەدەمنىڭ تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىجابىي دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ھەم مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولۇش ئېھتىماللىقى توغرۇلۇق توختىلىپ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

Erdogan said they reaffirmed their mutual will to strengthen ties between the two nations, especially in the fields of defence industry and trade.